يۇيۇپ بولالمىغان قاچا-قۇچىلار، يۇيۇپ بولالمىغان كىيىملەر، تازىلاپ بولالمىغان پوللار؟نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش شۇنداق جاپالىق بىر ئىش بولۇپ ھەر كۈنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە كىشىللىرى ئۆي ئىشى قىلىشنى بىر-بىرىگە ئىتتىرشىكە باشلىدى، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئەمما، تەتقىق قىلغان ئالىملار بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۇلۇغ -كىچىك تىنىپ قويدى ھەم بۇلار ھەقىقەتەن يۈزەكى ئىنسانلار ئىكەن دىيىشتى.
بىلىشىڭىز كېرەك، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش سىزنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

01
يەنە ئۆي ئىشلىرىدىن بىزار بولۇۋاتامسىز؟
ئامېرىكا نيۇيورك شتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇففالو شۆبە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 63 ~ 99 ياشقىچە بولغان 6000دىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق ئايالنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بايقىدى:
ھەر كۈنى 30 مىنۇت كىيىم قاتلاش، يەر سۈرتۈش قاتارلىق ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىش خەۋپى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆي ئىشلىرىنى قىلمايدىغانلارغا قارىغاندا% 12 تۆۋەن بولىدىكەن.

بۇنى كۆرۈپ، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا ئوخشاش، ئائىلە ئىشلىرى راستتىنلا بەدەننى كۈچلەندۈرەمدۇ؟ ئۆمۈرنى ئۇزارتامدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار خېلى بۇرۇنلا كۆپ قېتىم ئىلىپ بىرىلغان ھەم تەتقىقات نەتىجىللىرى ئوخشاش بولغان.
كانادا ماكماست ئۇنىۋېرسىتېتى 17 دۆلەتتىكى 130 مىڭ كىشىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم ئۆي ئىشلىرىنى قىلسا، ھەر قېتىم يېرىم سائەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلۈش نىسبىتىنى% 28 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

« ئەنگلىيە مېدىتسىنا قەرەللىك ژۇرنىلى» ، گوللاندىيە روتتېردام ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا مەركىزى ۋە ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەتقىقاتلارمۇ ئوخشاش يەكۈن چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك نەتىجە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ:
دائىم ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئادەتتىكى ئاياللارغا قارىغاندا ئۈچ يىل ئارتۇق بولىدۇ، ئەرلەر ئۆي ئىشلىرىنى قىلسىمۇ، ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى بىر يىل ئۇزارتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دائىم باغۋەنچىلىك قىلىدىغان ئەرلەر 2.7 يىل ئارتۇق ياشىيالايدۇ.
ئاياللار ئومۇميۈزلۈك ھالدا تېخىمۇ كۆپ ئائىلە ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەھۋالدا، ئەرلەر ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئالسا، ئائىلىدىكى زىددىيەتنى ئازايتىپلا قالماي، بەخىت تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

02
نېمە ئۈچۈن ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئىككىلەمچى ساغلاملىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى مۇنداق بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، يەنى تاماقنى كۆپ يېيىش، ھەرىكەت قىلىش ئاز بولۇش.
ئۆي ئىشلىرى دەل مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلىدىغان بولۇپ بىكار ئولتۇرۇش ۋاختىمىزنى قىسقارتىدۇ.

مەسىلەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان« بەدەن ھەركىتىنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق پۈتۈن يەر شارى تەكلىپى» دە، ئۆي ئىشلىرىمۇ ھەرىكەتنىڭ بىر تۈرى دەپ قارالغان. ھەرقانداق سۆڭەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي مېتابولىزم سەۋىيەسىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىدىن يۇقىرى بولغان ھەرىكەت تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆمرىنى ئۇزارتىشنىڭ سىرى دەل مۇشۇ يەردە.

سۆڭەك مۇسكۇلى مۇسكۇلنىڭ بىر خىلى، شۇنداقلا ئىممۇنىتېتنى تەڭشەش توقۇلمىسىدۇر. بىز ھەرىكەت قىلغاندا، سۆڭەك مۇسكۇلى ھۈجەيرە فاكتورى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بەدەنگە ھەر خىل پايدىلىق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ھەرىكەت قىلىشقا ۋاقىت يوق چاغدا، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ھەقىقەتەن ياخشى تاللاش.

03
ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئەڭ ياخشى بولغان كۈتۈنۈش ئۇسۇلى
1. تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
بۇلتۇر، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، دوستلار چەمبىرىكىدە بىر تۈركۈم« يېڭى ئاشپەز» لەر بارلىققا كەلدى. ئەتراپىمىزدا ئادەتتە تاماق ئىتىش خۇش ياقمىسا بىر-ئىككى تۇخۇم پۇشۇرۇپ يەپلا قورساق تويدۇردىغانلار ئاز ئەمەس، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ شۇنداق ئىدىم بىراق ھازىر بارغانسىرى تاماق ئىتىشكە ئامراق بولۇپ قالدىم، تاماق ئىتىش ئەڭ خۇش ياقمىغان ۋاقىتتىمۇ بىر-ئىككى خىل قورىما قورۇيمەن.
سىز ئۆيدە تاماق ئەتكەندە، ئائىلە ئەزالىرىنى خۇشال قىلغاندىن باشقا، يەنە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىش نىسپىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

10 يىلغا سوزۇلغان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدا، ئىقتىسادىي شارائىت، بىلىم سەۋىيەسى، ياش قاتارلىق باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق يەكۈن چىقىرىلغان:
تاماق ئەتمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەپتىدە بەش قېتىمدىن ئارتۇق تاماق ئىتىدىغانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى% 40 تۆۋەن بولىدىكەن.
بۇ ئالدى بىلەن ئۆيدە تاماق ئېتىدىغانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆيدە تاماق ئېتىدىغانلار ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 577 cal ۋە 5g ياغ، 16g شېكەرنى ئاز ئىستېمال قىلىدىكەن.
دەرۋەقە، كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزى تاماق ئېتىش = تېخىمۇ كۆپ كۆكتات + تېخىمۇ ئاز گۆش + تېخىمۇ ئاز ماي، تۇز، شېكەر + تېخىمۇ ئاز يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مايدا پىشۇرۇلغان كاۋاپ.

2. چوڭ تازىلىق قىلىش دوپامىننىڭ ئاجرىلىشىغا پايدىلىق.
سىزمۇ شۇنداق ھېس قىلدىڭىزمۇ، ئۆيدىكى نەرسىلەرنى جايى-جايىغا قويۇپ، پاكىز تازلاپ يىغىشتۇرۇپ بولغان ئۆينى كۆرۈپ، كۆڭلىڭىز خېلى ئېچىلىپ قالغاندەك بولامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا تۇيغۇ ئەمەس. ئۆي تازىلاش ھەقىقەتەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خۇشال قىلىدىغان، تەن ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق پائالىيەت.
ئۆي رەتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ مېڭىمىز ئاكتىپلىشىدۇ: پۈتكۈل ھەرىكەت جەريانى ۋە ھەرىكەتتىن كېيىن ئېرىشكەن ئازادە، پاكىز مۇھىت چوڭ مېڭىمىزدىكى نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنى غىدىقلاپ، دوپامىن، 5- ھىدروكسىترىپتامىن ۋە نورئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا مەسئۇل بۇ« سىرلىق ماددا» بىزنىڭ تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق ناچار كەيپىياتلىرىمىزنى پەسەيتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قەرەللىك تازىلاپ تۇرىدىغان مۇھىتنىڭ ئۆزى باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە تېخىمۇ پايدىسىز. نىسبەتەن پاكىز بولغان مۇھىت ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تېخىمۇ پايدىلىق.
شۇڭا باشقا ئىش بولمىسا كۆپرەك تازىلىق قىلىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش.

3. ئېغىر تىپتىكى ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز-ئارا بۆلۈشۈپ قىلىش تېخىمۇ پايدىلىق
ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمەلىي ئۆي ئىشلىرى ئەمگىكىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ، ئەر-ئاياللار ماسلىشىپ، ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىش.
كۈندىلىك ئائىلە ئىشلىرىنى ئادەتتە يېنىك تىپتىكى ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئېغىر تىپتىكى ئائىلە ئىشلىرى دەپ ئىككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ.
قاچا يۇيۇش، كىيىم قۇرۇتۇش قاتارلىق يېنىك تىپتىكى ئۆي ئىشلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكەش، ئۆي سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش، ماشىنا يۇيۇش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھەرىكەت مىقدارى ۋە سەرپىياتى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، « ئېغىر تىپتىكى ئۆي ئىشلىرى» گە كىرىدۇ.

ئېغىر تىپتىكى ئائىلە ئىشلىرى ئوخشاشلا بەدەنگە پايدىلىق بولۇپ، پۇت-قوللارنى ئۈنۈملۈك چېنىقتۇرۇپ، ئىسسىقلىقنى خورىتىدۇ، مۇسكۇللارنىڭ كېرىلىش كۈچىنى ياخشىلايدۇ، يەنە يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، يۈرەك، قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
لېكىن، ئېغىر تىپتىكى ئۆي ئىشلىرىنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىدىن پەقەت ئەرلەرلا بەھرىمەن بولالايدۇ.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر ئېغىر تىپتىكى ئائىلە ئىشلىرنى قىلسا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىش خەۋپى% 70كە، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەۋپى% 50كە تۆۋەنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئەكسىچە ئاياللار ئېغىر تىپتىكى ئەمگەكلەرگە قاتناشسا، ئۆلۈم خەتىرى % 13 ئاشقان.

ھەممەيلەن ئەر-ئاياللار بىللە ئىشلىسە ھارمايدۇ دېيىشىدۇ، قارىغاندا بۇ ئاسان ھارمايدىغان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچىگە ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئەقىل-پاراسەت يوشۇرۇنغان.
ئۆي ئىشى، ئەلۋەتتە بىر ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس؛
ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ بۇنچە كۆپ پايدىسى بولسىمۇ ئەلۋەتتە يالغۇز بىر ئادەملا ئۆز ئۈسىتگە ئېلىشقا بولمايدۇ.


