46.12 سېكۇنت! ئەلشىر يەنە چېمپىيون بولدى
46.12秒!艾力西尔再夺冠
46.12 سېكۇنت! ئەلشىر يەنە چېمپىيون بولدى
6- ئاينىڭ 7- كۈنى، 2026- يىللىق مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى (خۇاڭشى بېكىتى) خۇاڭشى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى. شىنجاڭلىق يېنىك ئاتلېتىكا ياش ماھىرى ئەلشىر ئۆمەرنىڭ ھالىتىدە كۈچلۈك جانلىنىش بولۇپ، ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 46 سېكۇنت 12 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بۇ نەتىجە ئەلشىرنىڭ 2026 مۇسابىقە پەسلىدىكى شەخسىي ئەڭ ياخشى نەتىجىسى، شۇنداقلا 2025- يىلى يارىلىنىپ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، قايتا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ قولغا كەلتۈرگەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىدىكى تۇنجى چېمپىيونلۇقى ھېسابلىنىدۇ.

