大数跨境

كۆلىمى خوتەنچىلىك چىقىدىغان بۇ ئارالدا 76 مىليون ئادەم ياشايدۇ

كۆلىمى خوتەنچىلىك چىقىدىغان بۇ ئارالدا 76 مىليون ئادەم ياشايدۇ Qux Yixix
2026-06-11
2
图片

چاۋشيەن يېرىم ئارىلى شەرقىي شىمالى ئاسىيادىكى يېرىم ئارال بولۇپ، ئۈچ تەرىپى دېڭىز بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ، ئارالنىڭ شەرقىي شىمالى رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربى شىمالى بولسا يالۇجىياڭ، تۇمىن دەريالىرى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ . ئارالنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 220 مىڭ 840 كىۋادرات كىلومېتىر (خوتەن ۋېلايىتىنىڭ كۆلىمى 248 مىڭ 945 كىۋادىرات كىلومېتىر-قانۇن سالونى)بولۇپ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يەر كۆلىمى  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر كۆلىمى (بىر مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر)نىڭ تەخمىنەن سەككىزدىن بىرىگە، توغرا كېلىدۇ.

图片

 چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان چاۋشىيەن ۋە كورېيە ئىككى دۆلەتتىكى  ئاساسلىق مىللەت چاۋشيەن مىللىتى بولۇپ، يېرىم ئارال تۈرلۈك سۈنئىي ئامىللار تۈپەيلى 1945 - يىلى 2- ئايدا جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان، 1948-يىلى 8-ئاينىڭ 15- كۈنى يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىدا كورېيە جۇمھۇرىيتى،  9-ئاينىڭ 9-كۈنى يېرىم ئارالنىڭ شىمالىدا چاۋشيەن  دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى  قۇرۇلغان،  1950-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى يېرىم ئارالدا چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتىلىغان، 1953-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇرۇش توختىتىلىپ ، ھەر ئىككى تەرەپ 38-پاراللېلنى ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى قىلىپ رەسمىي ئىككىگە ئايرىلغان.

图片

كورېيە ۋە چاۋشيەندىكى ئاساسلىق مىللەت چاۋشيەن مىللىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تۈزۈلمىسى ئوخشىمىغان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىككى دۆلەتتۇر


图片
图片
图片
图片
图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128