چۈشىدە ئايروپىلان سۇ ئۈستىدە ئۇچسا، بۇ بەختنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ ئالامىتى، بويتاقلارغا لايىقىنىڭ پات ئارىدا پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ خۇشاللىقى يېقىنلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر چۈشىدە سۇ ئۈستىدە ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلان تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتسە، خۇشال بولىدىغان ئىش يوق، ئاپەت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىشى مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئايروپىلانغا قارىسىڭىز، بۇ بىر ياخشى چۈش، بۇ سىزنىڭ خىزمەتتىكى ئورنىڭىزنىڭ، ھەتتا جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىزنىڭ پات ئارىدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە ئايروپىلاننىڭ دېرىزىسىدىن تۆۋەنگە نەزەر تاشلىسا، مۇھەببەتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. غەيرەتكە كېلىپ سۆيگەن ئادىمىگە خەت يازسا، نەتىجىدە سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بىر نەچچە كۈنلۈك ئازابتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
چۈشىڭىزدە بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئايروپىلانغا قارىسىڭىز، ياكى تۈز يەردە تۇرۇپ، ئاسماندىن ئۇچۇپ ئۆتكەن ئايروپىلانغا قارىسىڭىز ياكى ئايروپىلاننىڭ دەل ئۇچقانلىقىنى كۆرسىڭىز، بۇ ياخشى چۈش بولۇپ، سىزنىڭ خىزمەتتىكى ئورنىڭىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى، ھەتتا جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.


