大数跨境

زاغرا ناننىڭ كارامەت شىپالىق رولى

زاغرا ناننىڭ كارامەت شىپالىق رولى Qux Yixix
2025-08-10
1

ئەقىل پاراسەتلىك ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيىتى جەريانىدائوخشىمىغان شارائىت كىلىمات ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى بويىنچە ئۆزگە خاس ئوزۇقلۇق ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەمدە بۇ ئوزۇقلۇقلارنى تۈرلەرگە ، تەبىئەتكە ۋە مەلۇم شەكىلگە ئايرىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرغان، خىل كەلگىنى بويىنچە ئىستېمال قىلغان، شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كېسەللىكەرنى داۋالاش قاتارلىقلارغا خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەن .

زاغرا نان يېزلاردا دېھقانلار دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ، تەييارلاش ئاسان ، ئۆزى سىڭىشلىك ، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىك تەرەپلېرى ئىنتايىن كۆپ بولغان مىللىي ئەنئەنىۋى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنى ئەتگەندە ۋە چۈشتە چاي بىلەن ئىستېمال قىلىپ كەلگەن ، لېكىن يېقىنكى يىللاردىن بۇيان ، خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلشىگە ئەگىشىپ زاغرىدەك ئېسىل مىللىي ئەنئەنىۋى تائاملارنى ئىستېمال قىلىش ئازيىپ،ئالى دەرىجىلىك ئۇندا تەييارلانغان تائاملارنى ئىستېمال قىلىش كۆپىيىپ قالدى .

بۇ خىل تائاملاريۇقىرى قان بېسىم،قان قويۇلۇپ كېتىش ، زىيادە سېمىزلىك ، يۈرەك كېسەللىكى ، قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش ، جىگەرنى ماي قاپلاش ، دىيابېت قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلغاچقا ، يېمەك ئىچمەك قاتاردىن ئايرىلىپ قالغان ، قوناق ئۇندا تەييارلىغان زاغرا ناننى كىشىلەر ھازىر قايتىدىن ئالاھىدە دورىلىق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشقا باشلىدى ، ئىلگىرى ئۆتمۈشتە ئەجداتلېرىمىز كۈندە زاغرا ناننى ئەتگەن ۋە چۈشتە چاي ياكى قېتتىق بىلەن ئىستېمال قىلىپ كەلگەچكە ئۇلاردا يۇقىرىقىدەك كرسەللىكلەر كۆرۈلمىگەن ، بۇنى مىللىي ئەنئەنىۋى يېمەك ئىچمىكىمىزنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيەت ۋە تەركىبىدىكى ھەرخىل ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان شىپالىق رولىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ ، بۇ جەھەتتە ئەنئەنىۋى غىزا -زاغرا نان ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ .

زاغرا نان تەبىئىتى جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ ، زاغرا ناننىڭ ئاشقازان ، ئۈچەينى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئۈچەي ھەرىكىتىنى تىزلىتىش ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ، قاندىكى مايلارنى پارچىلاش ، سۈيدۈك ھەيدەپ بۆرەكنىڭ يۈكنى يەڭگىللىتىپ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىياتىنى تىزگىلەش ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ، بەدەننى ئوزۇقلاندۇرۇپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش ، ھەرقايسى توقۇلما ئەزالارغا قۇۋۋەت ھاسىل قىلىش ، قاندىكى ماينى ئېرىتىپ جىگەر خىزمىتنى ياخشىلاش ، ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە . شۇڭا شارائىتىڭىز يار بەرسە زاغرا ناننى كۈندە مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز  سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق .

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128