پۇت يۈگۈركى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈركى تاشقا دەپتىكەن، كىشىلىك ئالاقىدە، ئەگەر بىر ئادەم ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئاغزىنى باشقۇرالماي، ھەممە گەپنى سىرتقا دەۋەرسە، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ بىلىمسىز سۆزلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
باشقىلار بىلەن ئارىلاشقاندا، ئارتۇق گەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولمىسا ئارتۇق گەپ قىلماڭ، ئەگەر دېيىشكە تېگىشلىك گەپنى ئەينى ۋاقىتتا ياخشى دېيەلمىگەن بولسىڭىز، كېيىن تولۇقلىيالايسىز، لېكىن دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان گەپنى ئېھتىياتسىزلىقتىن دەپ سالسىڭىز، كەينىدىن يىغماق ھەقىقەتەن تەس بولىدۇ.
ئادەم بولۇشتا، مەيلى كىم بىلەن پاراڭلىشىشتىن قەتئىينەزەر، تۆۋەندىكى تۆت تېما توغرىسىدا ئامال بار ئاز پاراڭلىشىش كېرەكلىكىنى چوقۇم بىلىشى كېرەك.
01
باشقىلارنىڭ غەيۋەت-شىكايەتلىرى
گەرچە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش قانۇنغا خىلاپ بولمىسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغاندا ئاسانلا باشقىلارغا ئازار بېرىپ قويىمىز.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇششاق پاراڭلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما غەيۋەت-شىكايەت مەسىلىلەردىكى باش پېرسوناژنىڭ قانداق ھېسسىياتتا ئىكەنلىكىگە سەل قارايدۇ.
ئەقىللىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئاغزىنى باشقۇرالايدۇ، باشقىلارنىڭ غەيۋەت-شىكايەتلىرىنى ئاسانلىقچە دېمەيدۇ، دەلىللەنمىگەن ئىشلارغا باھا بەرمەيدۇ ياكى ئۇنى تارقاتمايدۇ.
ھەممە ئادەمدە قىزىقىش بولىدۇ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى باشقۇرالماسلىق ئادەم بولۇشتىكى زور مەغلۇبىيەت.
02
ئۆزىنىڭ سىرلىرىنى
ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگەرمەس بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇناسىۋەت ياخشى ۋاقىتلاردا بەك كۆپ سىرلارنى دەۋەتمەڭ، مۇناسىۋەت يىراقلىشىپ كەتكەندىن كېيىن نېمە ئىشلار بولىدۇ ھېچكىمگە ئايان ئەمەس.
ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىڭىز بولسىڭىزلا بولدى، قارشى تەرەپكە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ئۆتمۈشىنى باشقىلارغا تۆكۈشنىڭ ھاجىتى يوق، ئادەم سىرلىقلىق تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويسا، ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنىسىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارشى تەرەپ سىزنى تېخىمۇ ئاسان كۆزگە ئىلماي قالىدۇ.
03
قارشى تەرەپنىڭ كەمچىللىكى
كونىلاردا:«ياخشى دورا قېرىق بولسىمۇ، كېسەلگە شىپا بولىدۇ، ياخشى گەپ قۇلاققا ياقمىغان بىلەن پايدىلىق»دېگەن گەپ بار.
- لېكىن بۇ ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى دورا يېيەلەيدىغانلىقىدىن، سەمىمىي گەپلەرنى ئاڭلىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
يۈز تۇرانە خەقنىڭ ئەيىبىنى ئاچماسلىق ئادەم بولۇش پاراسەتتۇر.
نۇرغۇن ئادەم ساددىلىق بىلەن پەقەت باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كەينىدىن دېمىسىلا ئاداۋەت ساقلىمايدۇ، يۈزتۇرانە كۆرسىتىپ ئۆزىدىن مىننەتدار بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ، رېئاللىق ئەزەلدىن تەسەۋۋۇرىدىكىدەك ئۇنداق گۈزەل ئەمەس.
مەيلى ئارقا تەرەپتە بولسۇن، مەيلى يۈز تۇرانە بولسۇن، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا ئارىلىققا ئازدۇر-كۆپتۈر ئاداۋەت چۈشىدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئۆزىنى ئەيىبلەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ ھەرىكىتىنى سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش دەپ قارايسىز، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ قانداق ئويلىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايسىز.
04
ئائىلىدىكى زىددىيەت
ئىس چىقمايدىغان تۇرخۇن يوق، شۇنىڭدەك ھەممە ئائىلىدە زىدىيەت مەۋجۈت.
ئەقىللىق ئادەم كەيپىياتنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالمايدۇ، خاپا بولغان تەقدىردىمۇ قانداق گەپنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى، قانداق گەپنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.
ئائىلىدىكى زىددىيەتنى باشقىلارنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ھاجەتسىز.
ھەرقانداق ۋاقىتتا باشقىلار بىلەن ئائىلىدىكى زىددىيەت توغرىسىدا پاراڭلاشماڭ، پاراڭلىشىپلا قالدىڭىز ئاخىرىدا پۇشايمانغا ئۆزىڭىز قالىسىز. سىرتتىن پەقەت تەسەللىيگىلا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ياردىمى بولۇشى ناھايىتى تەس.


