大数跨境

ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچى گۈزەللىكىدە ئەمەس،بەلكى بۇ3 ئەۋزەللىكتە

ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچى گۈزەللىكىدە ئەمەس،بەلكى بۇ3 ئەۋزەللىكتە Qux Yixix
2025-08-10
2

ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچى گۈزەللىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئىچكى جەھەتتە ئۈچ روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقىدىن.

ئاۋدىرىي . ھىبروننىڭ بۇرۇنقى كەچۈرمىشى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولغان، ئەمما بۇنداق ئايال بارلىق ئاياللارنىڭ مەبۇدىسى بولۇپ ياشىغان، ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكى ئىگىلىۋېلىنغاچقا، پەقەت تاغىسىنىڭ ئۆيىدە قونغان، تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق، دائىم ئاچ قالغان، ئەمما بۇ ئۇنىڭغا زەربە بولالمىغان، ئۇ يەنىلا ئۇسسۇل مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان، چۈنكى ئۇنى قىزغىن سۆيۈپ ۋە ياخشى كۆرۈپ، تۇرمۇشتا ھەر خىل بوشاشماي ئالغا باستۇرغان. 

بىر ئايالنىڭ سېھرىي كۈچى پەقەت گۈزەللىكتىن كەلگەن بولمايدۇ، پۇل بولغاندىلا سىز قانداق چىراي بولماقچى بولسىڭىز بولىۋېرىدۇ. 

ھېچكىم قۇرۇق« لوڭقا» نى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئاخىرىدا نەزىرىنى ۋە خۇشاللىقىنى ساقلاپ قالىدىغىنى چوقۇم پەزىلەت، خاراكتېر ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ.

ھەممەيلەن ياخشى ھاراقنى قانچە ئۇزۇن ئىچىلسا شۇنچە مەززىلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئاياللار ئۆزىنىڭ سالاپىتىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلىسا، ياخشى تەربىيە ۋە ياخشى پەزىلەت يىتىلدۈرسە، كىشىلەر تەبئىيلا ئۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختايدۇ. 

01

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ

ئاۋدىرىي . ھىبرون بىر قېتىملىق زىياراتتە مۇنداق دېگەن:«ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان پوزىتسىيەدە بولۇڭ، ئىلگىرى ئۆگەنمىگەن بىلىملىرىڭىزنى ئۆگىنىڭ».

 بىر ئايالنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئايالنىڭ ئەڭ سېھرىي كۈچى بار، ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى مەيلى قانچىلىك ئاددىي بولسۇن، لېكىن بۇنداق ئىشەنچ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولمىغان نۇرلارنى ئاتا قىلىدۇ.

بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئىش قىلىشتا چوقۇم سېخىيلىق قىلىشى، ھورۇنلۇق قىلماسلىقى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىشى، مەغلۇبىيەت ۋە مەسخىرىدىن قورقماسلىقى كېرەك، سىزنى يېڭەلمىگەنلەر ئاخىرىدا سىزنى قۇدرەت تاپقۇزالايدۇ. 

ئۆزىگە ئىشىنىش بىر ئادەمنىڭ مۇھىم خاراكتېرىنىڭ بىرى، مۇشۇنداق خاراكتېر بولغاندىلا، ئاندىن كىشىلىك ھايات يولىڭىزدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزىڭىز قىلماقچى بولغان ئىشلارنى يۈرەكلىك ھالدا قىلالايسىز.

ئۆزىگە ئىشىنىش پىسخىكىسىغا ئىگە بولغاندا، ئىشقا يۈزلەنگەندە نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوڭايلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ. 

ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق ئايال، چىرايلىق چىرايى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى يېڭەلمەيدۇ، سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىز بىلەن ئەمەلىي كۈچىڭىز ماس كەلمىگەندە، بىر خىل ئاپەت بولۇپ قالىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. 

ئارتىس ياڭ مى بىر كىنو ئارتىسىلا بولۇپ قالماي، يەنە سودا ساھاسىدە ئورنى ناھايىتى يۇقىرى ئايال، ئۇ ھەمىشە ئىشەنچكە تولغان ھالدا، ھەر خىل ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرى ۋە سۆھبەتتە ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ مەرد ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ نۇرغا تولغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. ئىشەنچ سىزنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى مۇئامىلىگە ئېرىشتۈرىدۇ. 

02

كەسىپ

ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ كەسىپكە بولغان پوزىتسىيەسى ئەمەلىيەتتە ئېنىق ئەمەس، ئاز ساندىكى ئاياللار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، كۈچلۈك ئاياللاردىن بولۇپ، ھەر كۈنى خىزمەتكە كۆمۈلۈپ يۈرىدۇ، سانسىزلىغان پىلان، دېلو، پۇل تېپىش ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئاياللار ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشتەك روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان خىزمەتنى ئىشلەپ، كۆپ بولمىغان مائاش ئېلىپ خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە قانداق بولسا بولىۋېرىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۆزىگە تەۋە بىر خىزمەت بولۇشى كېرەك، ئادەمدە ھورۇنلۇق بولىدۇ، ھۇرۇنلۇق بىر خىل ئادەتكە ئايلانغان چاغدا، ئادەم ھاياتى نادانلىق قىلىشقا باشلايدۇ، ھەر كۈنى پەقەت كۈنلەپ يەپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتىدۇ.

بۇنداق كىشىلىك ھاياتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، پەقەت توختىماي سىزنىڭ ئىرادىڭىزنى ۋە چەكسىز ھاياتىڭىزنى نابۇت قىلىدۇ، بىر ئىش پۇل تېپىشلا ئەمەس، ياكى تېخىمۇ چوڭ نىشان، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش ياكى دەۋرنى ئۆزگەرتىشتەك بۇنداق ئۇلۇغۋار نىشان، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى تۇرمۇش ئۈچۈن ئويلاش، بۇنداق ئويلاش سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىزنى تېخىمۇ قانائەتلەندۈرىدۇ ۋە ئۈمىدكە تولدۇرىدۇ. 

بۇ خۇددى نېمە ئۈچۈن ئادەمدە ئېتىقاد بولغىنىغا ئوخشاش، بىر نەرسىنى« غايە» قىلىۋالغاندىلا، پىلانلىق، تەييارلىقى بولغان ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھاياتىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق خىيال ۋە جاھىللىق بولمىسا، ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش مەنىسىز بولىدۇ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتى بولمايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەتتا خامۇشلۇق كېسىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 

ئەمەلىيەتتە پەقەت سىز ئاكتىپلىق بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلەنسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى بولسىلا، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قامدىيالايسىز، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. 

ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، سىز ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، پەقەت ئۆيدىكىلىرىڭىز ياكى ئېرىڭىزدىن پۇل تەلەپ قىلالايسىز، شۇڭا چوقۇم ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىڭىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىڭىز كېرەك.

03

 تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت 

مەن سەنماۋنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇ بىر سەرگەردان شائىر، ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس چاغلايدۇ، ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغان:« بىر ئادەمنىڭ ئاز دېگەندە بىر ئارزۇسى، قەيسەر بولۇشقا بىر باھانىسى بولۇشى كېرەك، يۈرەكتە ماكان بولمىسا، نەگىلا بارسا سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ».

تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى ساقلاپ، ياخشى نەرسىلەرنى يەپ، ياخشى ئويۇنلارنى ئويناپ، قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان ھالەتكە كەلتۈرشىمىز كېرەك. 

تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش پوزىتسىيەسى بىلەن، ھەر كۈنى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلىدۇ، يامغۇر ياغقان تەقدىردىمۇ، يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولىدۇ. تۇرمۇشنى ئاسانلىقچە يوقىتىپ قويماڭ، تۇرمۇش، سىز ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئوماقلىقىڭىزغا قۇچاق ئاچىدۇ، تۇرمۇشقا ئاكتىپ يۈزلىنىش ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىنىئىشقا ئاشۇرۇش بولىدۇ 

ئادەم ياخشى كۆرىدىغان ئايالنىڭ سىرتقى قىياپىتى چوقۇم قۇرۇق ئەمەس، چىرايلىق نانغا ئوخشاش، قىزىقارلىق روھتىن بىرنى تاللاش كېرەك، سىزنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىشى ناتايىن، لېكىن شۇنداقتىمۇ سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ، بۈگۈن مەڭگۈ ئەتىدىن بالدۇر! 

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128