چۈشىڭىزدە ئاتنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ يېقىندىن بۇيان ئوڭۇشلۇق، تىنچ - ئامان بولۇپ،تۇرمۇشىڭىزدا چوڭ داۋالغۇش بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە تايچاق بولسا، سىزگە خۇش خەۋەر كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەگەر تايچاق بىلەن بايتال بىللە بولسا، سىزگە تېخىمۇ ئامەت كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئات مىنىش، ئۇزاق ئۆتمەي نامغىمۇ، مەنپەئەتكىمۇ ئېرىشىدىغانلىقىڭىزدىن، مەرتىۋىڭىزنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن ياكى قەلبىڭىزدىكى باش قېتىنچىلىقىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جىنسىيەت جەھەتتە، چۈشىدە ئات مىنسە، چۈشىدە ئاتنىڭ قاتتىق سىلكىنىشىنى ھېس قىلسا، كۈچلۈك جىنسىي ھاياجان ۋە ئىنتىلىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئەگەر ياۋا ئاتقا مىنسىڭىز، سىزنىڭ جىنسىي لەززەتتىن بەھرىمەن بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئاتنى تېز ھەيدىسىڭىز، سىزنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئاتتىن بەك قورقسىڭىز، بۇ سىزنىڭ خىزمەتتە كۆرۈلگەن كىچىك خاتالىقلاردىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئاتتىن يىقىلىپ چۈشسىڭىز، سىزنىڭ بىر دۈشمىنىڭىز بارلىقىنى، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سىزنى مەغلۇپ قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، سىز چوقۇم ئېھتىيات بىلەن تاقابىل تۇرۇشىڭىز كېرەك، بولمىسا غايەت زور زىيانغا ئۇچرايسىز، ھەتتا شەرمەندە بولۇشىڭىز مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە قاناتلىق تۇلپارنى كۆرسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ياكى ئۆز - ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدا قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيەگە سىمۋول قىلىنىدۇ، سىزنىڭ مەنىۋى دۇنيارىڭىز كۈندىن - كۈنگە بېيىماقتا.
چۈشىڭىزدە ئاتنىڭ ئۆزىڭىزگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزدىن ياكى باي بولالايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە پۈتۈن بەدىنىگە نەرسە ئارتىۋالغان ئات، سىزنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمىكىڭىزنىڭ باياشات ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئات كەينىڭىزگە ئەگەشسە، بۇ سىزنىڭ شان - شەرەپكە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.


