

ئالدىراقسان، ئازراق كىچىك ئىشلارمۇ ئۇنى غەزەپلەندۈرىدۇ، مىجەزىدە ئۇرۇشقاق بىر تەرىپى بار، «مەن ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالاي» دېگەننى سەۋەب قىلىپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ
قارىماققا مىجەزى ناھايىتى ياخشىدەك، ئەمەلىيەتتە مىجەزى بەك تۈز، ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا ئادەتتىكى ئەقلى دەرھاللا يوقاپ كېتىدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ نېمىگە ئاچچىقلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ
سوغۇققانلىق بىلەن تونۇلغان AB تىپلىق كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئاچچىقلانمايدۇ، بىراق بەزىدە ئاچچىقى كەلسە ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى بىلگەنلىكتىن ئادەتتە ئاچچىقى ناھايىتى تېزلا بېسىلىدۇ
سوغۇققانلىق بىلەن تونۇلغان AB سەۋىر قىلىشقا ماھىر A تىپلىق كىشىلەر، كۆپ ھاللاردا پەقەت چىدىيالمىغان ۋاقىتتا ئاندىن بىراقلا غەزەپلىنىدۇ. شۇڭا بىر ئاچچىقلىنىپ قالسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ
: گەپ - سۆزى ۋە چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتۇشنى ئەڭ بىلمەيدىغان كىشىلەر
تىپلىق B
كىشىلەر ئەركىن ياشايدۇ، ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ، ئەتراپىنىڭ قانداق بولۇشى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دېمەكچى بولغان گېپىنى دەۋېرىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشمايدۇ
تىپلىق O
زېھنىنى ئۆزى قىزىققان ئىشلارغا قاراتقان ۋاقىتتا، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدۇ
تىپلىق A
كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆز قارىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ تەنقىدىگە ھەرگىز چىداپ تۇرالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار جىنىنىڭ بارىچە ئەتراپتىكى ئەھۋالنى ئېنىق كۆزىتىپ خاتالىق چىقىپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ
تىپلىق AB
تەپەككۇرى ئۆتكۈر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەھلىل قىلىش ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى بار، تېز سۈرئەتتە ئەتراپتىكى ئەھۋالنى چۈشىنىپ بولىدۇ ھەم شۇنىڭغا قارىتا لايىقىدا تاقابىل تۇرىدۇ

: يۈرەكلىك ھالدا ئۆز پىكرىنى دېيەلەيدىغان كىشىلەر
تىپلىق B
ئۇلار باشقىلارنىڭ قانداق ئويلىشىغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ئادەمگە نىسبەتەن ئۇلار ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ، بىراق B تىپلىق كىشىلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىشقا ماھىر ئەمەس
تىپلىق O
ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر بولغاندا، ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن جىمجىتلىقنى ساقلىمايدۇ، مەيلى قانچىلىك مەنىسىز تەكلىپ بولۇشىدىن، مەيلى قارشى تەرەپنىڭ ئورنى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر گېپىنى ئوچۇق ئېيتىدۇ
تىپلىق A
كىشىلەر ئېھتىياتچان، ئىش قىلغاندا كۆپ ئويلىنىدۇ، نۇرغۇن پىكىرلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئوڭۇشلۇق ئىپادىلەشكە ئامالسىز، چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ قارشى تۇرۇشىدىن قورقىدۇ
تىپلىق AB
كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىناقلىققا ئەڭ ئېتىبار بىرىدۇ، ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن ھەمىشە « ئەگەر مەن گەپ قىلسام بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە قانداق تەسىر ئىلىپ كېلىمەن» دېگەننى ئويلىشىدۇ
: پۇل ساقلاشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر
تىپلىق B
ئۇلار پۇل يىغمىغان ھاياتنىڭمۇ كۆپ توسالغۇسى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن جىنىنىڭ بارىچە پۇل يىغىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ
تىپلىق O
پۇل يىغىدىغان بۇ ئىشقا نىسبەتەن بەك چوڭ قىزىقىشى يوق، ھەم ناھايىتى ئاكتىپمۇ ئەمەس، بىراق ئەگەر ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىشنى خالايدىغان نەرسىلىرى بولسا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولسا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇل يىغىدۇ
تىپلىق A
تىپلىق كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا ئەگەر پۇل بولمىسا ناھايىتى خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىدۇ، ھېچ بولمىغاندا ناھايىتى ئاز بولغان پۇلنى ساقلاشمۇ بىر خىل كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش
تىپلىق AB
گەرچە ئۇلار پۇل يىغىشنى ناھايىتى ئويلىسىمۇ، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇل خەجلەشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئىللىتى بار، پۇل يىغىشى ناھايىتى تەس

: ئاسان قالايمىقان پۇل خەجلەيدىغان كىشىلەر
تىپلىق B
كىشىلەر بولسا ئۆلچەملىك ئىسراپ مۇتەخەسسىسلىرى، كەلگۈسىنى ئويلىمايدۇ، پەقەت «ھازىر لازىم بولغىنى» دېگەننىلا ئويلايدۇ، دائىملىق ھاياجانلىنىپ مال سېتىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
تىپلىق O
رەھبەرلىك تالانتى بار، مېھمان قىلىش قېتىم سانى زىيادە كۆپ، ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ ھېسابات قىلغاندا ھەرقانچە كۆپ پۇل بولسىمۇ خەجلىشىگە يەتمەيدۇ
تىپلىق A
ئېغىر-بېسىق، تېجەيدىغان مىجەزى بار، ئاساسىي جەھەتتىن قالايمىقان پۇل خەجلىمەيدۇ، ئەگەر مەلۇم كۈنى ھاياجانلىنىپ سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان نەرسىنى سېتىۋېلىپ قالسا، خەجلىگەن پۇلى ئاز بولسىمۇ ئۇلار ناھايىتى پۇشايمان قىلىدۇ
تىپلىق AB
كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمغا قارشىلىق كۆرسىتىشى تەس، ئىشتىھاغا نىسبەتەن سېلىشتۇرغاندا نەپسىنى قاندۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا مال سېتىۋېلىشقا ناھايىتى ئامراق
داڭلىق ماركىلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ياخشى
:كۆرىدىغان كىشىلەر
تىپلىق B
كىشىلەر داڭلىق ماركىلىق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ ئەمەس، پەقەت شۇ بەك بېرىلىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر يوق، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىش-كىيمەسلىكتە پەقەت ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە قارايدۇ، ئۆزىگە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشىسىدۇر
تىپلىق O
كىشىلەر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، شۇڭا مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن قىممەت داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالىدۇ، بىراق ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ماركىدىكىنىلا سېتىۋالىدۇ، ھەممە يەرنى ئايلىنىپ يۈرمەيدۇ
تىپلىق A
داڭلىق ماركىلىق نەرسىلەردىن بىزار بولمايدۇ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ھالىتىنى قاتتىق باشقۇرىدۇ، خامچوتتىن ئېشىپ كەتكەن بۇيۇملارنى ھەرگىز سېتىۋالمايدۇ
تىپلىق AB
سىرتقى قىياپەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئەگەر مەبلەغ جەھەتتە يار بەرسە ئۇلار ھەتتا بېشىدىن ئايىقىغىچە زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن ئورىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ


