كۆمۈش ئالتۇندىن قالسىلا ئەتىۋارلاپ تاقايدىغان زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ بىرى، ئادەتتە يىشى چوڭلار ئاياللار كۆپرەك كۆمۈش بىلەيزۈك، كۆمۈش ھالقا ۋە كۆمۈش زەنجۈرلەرنى تاقىۋالىدۇ، يەنە تۇغۇلۇپ ئۇزۇن بولمىغان ئوماق نەۋرىللىرىگىمۇ كۆمۈش بىلەيزۈك تاقاپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ياشقا چوڭلار ئاياللار سېرىت يەنە 1-6 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ قولىدا كۆمۈش بىلەيزۈك بارلىقىنى كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە چوڭلارنىڭ كىچىك بالىلارغا كۆمۈش زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاپ قويىشىدىكى سەۋەپ ئۇلار كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەر زەھەر سىنايدۇ، ئەگەر بالىنىڭ بەدىنىدە زەھەرلىك ماددا بولسا، كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەر قارىداپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئاڭلىماققا، كۈمۈش بىلەزۈكنىڭ رولى كىچىك ئەمەستەك قىلىدۇ، بىراق يېقىندا، تورلاردا كەڭ تارقالغان كۈمۈش بىلەيزۈك بالىنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ، كۈمۈش بىلەيزۈك قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەن تېمىلار دىققىتىنى تارتتى.
راستىنلا شۇنداقمۇ؟ بۈگۈن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

01
قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنىڭ قانداق خەتىرى بار؟
قوغۇشۇن ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقتا مەۋجۇت بولۇپ، رەڭلىك مېتال قېزىش، تاللاش، تاۋلاش كەسپى، قوغۇشۇنلۇق ئاككۇمۇلياتور كەسپى، كۆن-خۇرۇم ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى كەسپىدە، بېزەك ماتېرىياللىرى، ئويۇنچۇق، گىرىم بۇيۇملىرىدا مەۋجۇت. قوغۇشۇن ۋە ئۇنىڭ بىرىكمىلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىدا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى چاڭ-توزان، تاماكا ياكى پار شەكلىدە نەپەس يولى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ، ھەزىم قىلىش يولى ۋە تېرە ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈشى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. قاندىكى قوغۇشۇن ۋە سۈتتىكى قوغۇشۇن يەنە بالا ھەمراھى ياكى بالا ئېمىتىش ئارقىلىق ئەۋلاد تېنىگە كىرىدۇ. قوغۇشۇننىڭ ئادەم بەدىنىدىكى جانلىقلارنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 5-10 يىل بولۇپ، ئاساسلىقى گەندە، سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ، ئاز قىسمى تەر بېزى، شۆلگەي بېزى، سۈت بېزى ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ.

مەيلى كەسىپ بىلەن ئۇچراشسۇن ياكى تۇرمۇش بىلەن ئۇچراشسۇن، مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن، قوبۇل قىلىش مىقدارى ئېشىپ كەتسە، قاندىكى قوغۇشۇن مىقدارى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كېتىپ، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش نېرۋا سىستېمىسى، قان ئىشلەش سىستېمىسى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، كۆپىيىش سىستېمىسى، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق كۆپ سىستېما ۋە توقۇلما ئەزالارنى زەخىملەندۈرۈپ، قورساق ئاغرىش، كەم قانلىق، چارچاش، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، يۇقىرى قان بېسىم، بوغۇم ئاغرىش، كۆپىيىش توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش يولىنىڭ قوغۇشۇننى سۈمۈرۈش نىسبىتى% 50 كە يېتىدۇ، بۇ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىنىڭ 5 ~ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۆرەكنىڭ قوغۇشۇن چىقىرىش ئىقتىدارى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن، يەنە ئاسانلا نەرسىلەرنى غاجىلاش، بارمىقىنى شوراش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر ئارقىلىق قوغۇشۇننى بەدەنگە قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا بالىلار قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا ئاسانلا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىدۇ، بولۇپمۇ 0 ~ 6 ياشلىق بالىلار تېخىمۇ شۇنداق.

بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قوغۇشۇننىڭ زەھەرلىكلىكىنىڭ زىيىنى چوڭلارنىڭكىدىن ئېغىر بولۇپ، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش بالىلار نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئەكسىگە قايتماس زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدىنىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەن بالىلاردا ئىچى تىتىلداش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئىنكاسى ئاستىلاش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، قارا رەڭلىك چوڭ تەرەت قىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك سېلىش، چىرايى تاتىرىش، كەم قانلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھەتتا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك مېڭە زەخىملىنىش ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

02
بارلىق كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ ھەممىسىدە زەھەر بارمۇ؟
قوغۇشۇن بىر قەدەر ياخشى ئەۋرىشىملىككە ۋە سوزۇلۇشچانلىققا ئىگە، بىر قىسىم سودىگەرلەر زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇپ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كۆمۈش زىبۇ-زىننەتلەرگە قوغۇشۇن قوشىۋىتىدۇ.

دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە پىرىيوم-كارانتىن باش ئىدارىسى بىلەن دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئېلان قىلغان دۆلەت ئۆلچىمىدە، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىدىكى زىيانلىق ئېلېمېنتلارغا چەك قويۇش بەلگىلەنگەن، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى% 1 تىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك، شۇڭا بارلىق كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەر زەھەرلىك ئەمەس، بىخەتەر، لاياقەتلىك كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەر ئادەم بەدىنىدە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

03
كۈمۈشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسى
ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىنىڭ قارىشىچە، كۈمۈش مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، زەھەرنى ھەيدەپ كۈتۈنۈش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش ئارقىلىق ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دائىم كۈمۈش زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىسا سالامەتلىككە پايدىسى كۆپ بولۇپ، ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ.


