

قوي بىر خىل مۇلايىم ھايۋان، چۈشىدە بايلىق ۋە ئىناق تۇرمۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
چۈشىدە دالىدا قوي باقسا، تۇرمۇشنىڭ بەختلىك، كۈنلىرىنىڭ كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە تاغ باغرىدا قوي باقسا، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئوتلاقتا قوي باقسا، سودىسىنىڭ روناق تاپقانلىقىنى، مالىيە مەنبەسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئېتىزلىقتا قوي باقسىڭىز بۇ سىزنىڭ ئويلاپ باقمىغان ياردەمگە ئېرىشىشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە قوي - كالىلار توپ - توپ بولۇپ چۈش كۆرسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەرلەر چۈشىدە قوينى كۆرسە، باي بولۇشىنىڭ ئالامىتى.
ئاياللار چۈشىدە قوينى كۆرسە ،ئەر - خوتۇنلۇق تۇرمۇشى بەختلىك بولۇپ، تەڭ ياشاپ تەڭ قېرىيدۇ.
چۈشىدە ھەر خىل رەڭلىك ساغلىق قوينى كۆرسە، بايلىق يولىنى كېڭەيتەلەيدۇ.
چۈشىدە ئاق ساغلىق قوي كۆرسە، بەخت - سائادەت ھەمدە كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ.
چۈشىدە ساغلىق مەرەپ چۈش كۆرسە ، مال - مۈلكى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.
چۈشىدە چىشى قوي توپىنى كۆرسە، مول مەبلەغكە ئىگە كارخانا ئورگىنىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىسىگە ئايلىنىدۇ.
چۈشىدە قوي قېچىپ كەتسە، مال - مۈلكى ئوغرىلىنىدۇ ياكى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرايدۇ.
چۈشىدە چىشى قوينىڭ يۇڭىنى قىرقىسا، ناھايىتى تېزلا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىدۇ.
چۈشىدە ساغلىقنى ئۇرسا، ۋەيران بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چۈشىدە ساغلىقنىڭ دۈمبىسىدىن سەكرەپ ئۆتسە، زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ، زىيانغا ئۇچرايدۇ.
چۈشىدە ساغلىق قوزىلارنى ئەگەشتۈرۈپ چۈش كۆرسە، ئايالى ئوغۇل تۇغىدۇ.
سودىگەر چۈشىدە ساغلىق قوي پادىسىنى كۆرسە، تىجارەت قىلىپ، كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
پادىچى چۈشىدە ساغلىق قوينى كۆرسە، كىرىمى ئازىيىپ كېتىدۇ.


