大数跨境

بۇ 3خىل ئەرـ ئاياللار ئاسانلا ئاجرىشىپ كېتىدۇ

بۇ 3خىل ئەرـ ئاياللار ئاسانلا ئاجرىشىپ كېتىدۇ Qux Yixix
2026-01-03
1

图片پىسخولوگلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۈچ خىل ھالەت ساقلانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاجرىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر بۇ ئالامەتلەر بايقالسا، مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

图片

  بىرىنچى، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى «ھېسسىيات بانكىسى»جىددىي ئەھۋالدا قالىدۇ. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بىر شەكىلسىز ھېسسىيات بانكىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزگەندە، ھېسسىيات بانكىسىنىڭ ئامانەت پۇلى كۆپىيىدۇ؛ ئەكسىچە، ئەگەر بىر تەرەپ ھەمىشە قۇسۇرلاپ ئەيىبلىسە، بانكىدىكى «پۇل»ئۈزلۈكسىز ئازىيىدۇ. ھېسسىيات بانكىسىنىڭ «قالدۇقى يېتەرلىك بولمىسا»، ھەتتا «قەرز»ئالغاندا، ئەر-خوتۇننىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، خۇددى رېئاللىقتا بانكىنىڭ پۇلى بولمىسا تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالالمىغانغا ئوخشاش. 

 ئىككىنچىسى، ئەر-خوتۇننىڭ ئائىلىدىكى ئىقتىدارىدا تەڭپۇڭسىزلىقى. ئەگەر بىر تەرەپ ئائىلىسىدە زىيادە كۆپ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىپ، يەنە بىر تەرەپنى رولىنى جارى قىلدۇرۇش بوشلۇقىدىن مەھرۇم قىلسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىدىكى رولى ۋە ئىقتىدارى توغرا ماسلاشمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئائىلە ئۇزاققا سوزۇلماسلىقى مۇمكىن. 

图片

 ئۈچىنچى، داۋاملىق ئەيىبلەش ۋە تەنقىد قىلىش. ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا توختىماي ئەيىبلەش ۋە تەنقىدلەش ئارىلىشىپ كەتسە، ئازابلىق كەيپىيات تۇرمۇشنى بىر ئالىدۇ، بۇ خىل پاسسىپ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئەندىزىسى ناھايىتى ئاسانلا ئائىلىنىڭ تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، چوقۇم ۋاقتىدا ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا، ئاندىن ئىناق بەخىتلىك ئائىلىنى تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 0
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读0
粉丝0
内容0