كەيپىيات بىزنىڭ تەن ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ئاغرىنىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارغا پېتىپ قېلىش تالنىڭ نورمال خىزمىتىگە كاشىلا قىلىدۇ. تال ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا، يەنە بىۋاسىتە ئاشقازانغا چېتىلىپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان شەلۋەرەش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ئاشقازان راكىنى قوزغىشى مۇمكىن.
ئۆچمەنلىك قاتارلىق پاسسىپ كەيپىيات يۈرەككە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كەيپىيات مۇناسىۋەتلىك بىئاراملىق ئالامەتلىرىنى كۆكرەك قىسمىدا يىغىلىپ، تاجسىمان ماددىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، سەكتە قاتارلىق تۈرلۈك يۈرەك كېسەللىكلىرى كەينى-كەينىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كەيپىيات خۇددى يوشۇرۇن ۋىكليۇچاتېلغا ئوخشاش، بىزنىڭ ساغلام ھالىتىمىزنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بىز ھەرقانداق كېسەلنى پەسەيتمەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشىشىمىز كېرەك. ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ساغلاملىقىغا ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
ئادەم پاسسىپ كەيپىياتتا تۇرغاندا، نېرۋا سىستېمىسى ئىنكاس قايتۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
كېسەلگە يۈزلەنگەندە، دائىملىق تېببىي داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن باشقا، كەيپىياتنى تەڭشەش، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاشمۇ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ مۇھىم تەرىپى.


