大数跨境

يۈرەككە پايدىلىق كارامەت ئالتە خىل يىمەكلىك

يۈرەككە پايدىلىق كارامەت ئالتە خىل يىمەكلىك Qux Yixix
2026-04-17
1

كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشلەر ھەرخىل جىسمانى ۋە ئەقلى خىزمەتلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىگەندە كىشىدە ئاسانلا چارچاش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ،  بۇنداق چاغدا تۆۋەندىكى بۇ ئالتە خىل يىمەكلىكنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئاسان چارچاشنى تۈگىتىپ، يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ ھەمدە ئادەمنى تېىخمۇ روھلۇق قىلىدۇ.

图片

1. يۈرەك چارچىسا قىزىل پۇرچاق يەڭ- بەزى كىشىلەردە دائىم دېمى سىقىلىش، ئىچى تىتىلداش، نەپەس يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى ئەمەس بەلكى يۈرەك چارچىغانلىق سەۋەبىدىندۇر. قىزىل پۇرچاق قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، خىزمەت بىسىمى ئېغىر ۋە يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەر كۆپرەك يەپ بەرسە قان تومۇرلارنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

قىزىل پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە مول كالىي ۋە يىمەكلىك تالاسى بار بۇلۇپ. يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قان تولۇقلايدۇ. قىزىل پۇرچاقنىڭ پوستى قېلىن، ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن سۇغا چىلاپ قويۇپ ياكى ھوردا دۈملەپ، يۇمشىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇماچ قىلىپ ئىچسە ياكى قىزىل پۇرچاق گۈرۈچ ئېشى قىلىپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

图片

2. بۆرەك چارچىسا كاشتان يەڭ- كاشتاننىڭ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئاشقازاننى ياخشىلاش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ سىڭىرنى چىڭىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش قان توختىتىش رولى بار دەپ قارىلىدۇ. كاشتاننى پىشۇرۇپ يېسە يەنە ئاشقازاننى ئىللىتىپ بۆرەكنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، تال ئاجىزلىقىغا پايدا قىلىدۇ. 

كاشتان ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، شۇڭا خام يېيىشكە بولمايدۇ. شۇڭا كاشتاننى يىيىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا كاشتان تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى كۆپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. يەنە باشقا خام ماتېرىياللار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يېسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن كاشتان ئۇمىچى، بۇ خىل ئۇماچ تالنى ياخشىلاپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بۆرەك ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىش، پۇت قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، تال ئاجىزلىقتىن بولغان ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.

图片

3. مېڭە چارچىسا ياڭاق يەڭ- مېڭە زىيادە چارچىسا ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ. خىزمەت ۋاقتىدا، ھەر 1 سائەتتە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئۇياق بۇياققا مېڭىپ، مېڭىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا، بىر تال ياڭاق يېسىڭىز مېڭىڭىزنى قۇۋۋەتلەشتە ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز.

图片

4. ئاشقازان بىئارام بولسا سېرىق گۈرۈچ يەڭ- سېرىق گۈرۈچ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ. ئىچى ئىسسىق ۋە ئاشقازان تال ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. ئاشقازان ئاجىز دائىم سېسىق كېكىرىپ قالىدىغان كىشىلەر سېرىق گۈرۈچتە ئوماچ قىلىپ ئىستىمال قىلسا ئاشقازان تالنى ياخشىلايدۇ، بەدەندىكى ياغنى يوقىتىدۇ.

图片

5. كۆز چارچىسا ئالقات ئىستىمال يەڭ- دائىم خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر كۈندە كومپيۇتىر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ، ئاسانلا كۆزى چارچايدۇ. بۇنداق چاغدا ئالقات ئىستىمال قىلسا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ غىدىقلىشىنى ئازايتىپ، كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئالقاتنىڭ كۆز ئاسىراش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى چايناپ يەۋەتسە ئەڭ ياخشى. ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 20 گرام ئەتراپىدا ئالقات يەپ بەرسە مۇۋاپىق.

图片

6. پۇت چارچىسا بانان يەڭ- بىر كۈن يول يۈرۈپ پۇتىڭىز تېلىپ ئاغرىسا، بانان يېسىڭىز بولىدۇ. باناننىڭ تەركىبىدە مول كالىي ۋە ماگنىي بار، كالىي پۇت مۇسكۇللىرىنى سوزۇپ، پۇت تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ماگنىي چارچاشنى يوقىتىدۇ. ئادەتتە باناننى شاماللىق يەردە پوستىدا قارا چېكىت پەيدا بولغىچە ساقلاپ يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 0
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读0
粉丝0
内容0