قاقاقلاپ كۈلۈش بىر خىل كەيپىيات جەھەتتىكى داۋالغۇش بولۇپ، خاتىرجەملىك ۋە ئېھتىياتچانلىقنى يوقاتقاندا، قايغۇ ۋە بەختسىزلىككە دۇچ كېلىدۇ.
چۈشىدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۈلۈش ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ تىنچ بولمايدىغانلىقىدىن، ماجىرا يۈز بېرىدىغانلىقىدىن، ئازابلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە دۈشمەن بىلەن بىللە كۈلۈش دوست بىلەن دۈشمەننى توغرا پەرق ئېتەلمەي، دوستنى ئازابلاپ كېتىپ قېلىش، دوستتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىللە كۈلۈش كىشىلىك مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىقتىن ھەمدە شۇ سەۋەبتىن بەختسىزلىككە ئۇچراشتىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا باشقىلارغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
چۈشىدە تاياق يېگەن ئادەم بىلەن قاقاقلاپ كۈلسە، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئاغرىپ قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
بىمار چۈشىدە ئۆزى خۇشال ھالدا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتسە،كېسىلىنىڭ تېزدىن ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئاشىق - مەشۇقلار چۈشىدە بىللە كۈلكە - چاقچاق قىلسا، مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە سەمىمىي بولىدۇ.


