تۇرمۇشىمىزدا دائىم مۇنداق بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز: سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىزمۇ، يەنىلا بەزىلەر سىزدىن يىراقلىشىدۇ ياكى سىزنى ياقتۇرمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا كۆپىنچە ئادەملەر «مەن نېمىنى خاتا قىلدىم؟» دەپ ئۆزىنى ئەيىبلەشكە باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ يەردە سىزنىڭ ھېچقانداق خاتالىقىڭىز يوق.
ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىمۇ دەل مۇشۇ تائاملارنىڭ تەمىگە ئوخشايدۇ. دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتى، كۆز قارىشى ۋە قىممەت قارىشى ھەر خىل بولىدۇ. بەزىلەر سىزنىڭ راۋان، ئوچۇق-يورۇق تەبىئىتىڭىزنى ياقتۇرسا، يەنە بەزىلەر سىزنىڭ بۇ خىل «تەم»ىڭىزگە ماس كەلمەي، سىزدىن يىراقلىشىشى مۇمكىن. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان «تەم تاللىشى»نىڭ پەرقىدىنلا بولىدۇ.
شۇڭا، ئەگەر كىمدۇر سىزنى ياقتۇرمىسا ياكى سىزگە قارشى پوزىتسىيە تۇتسا، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ، ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرۈششىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ سىزنىڭ ناچارلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ سىز بىلەن بولغان «ماسلىشىشچانلىقى»نىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھايات بەك قىسقا، ۋاقتىمىزنى ئۆزىمىزنى ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۆتكۈزمەيلى. ئۇنىڭ ئورنىغا، سىزنى شۇ پېتىچە، ھەقىقىي ھالىتىڭىزدە قوبۇل قىلىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغانلارنىڭ قېشىغا ماڭايلى. سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن ياشاش — مانا بۇ ھەقىقىي ياشاش.


