大数跨境

ئاياللار پات -پات يىغلاپ بىرىشنىڭ تۆت چوڭ پايدىسى

ئاياللار پات -پات يىغلاپ بىرىشنىڭ تۆت چوڭ پايدىسى Qux Yixix
2025-10-27
1
图片كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاياللارنى سۇدىن ياسالغان دېيىشىدۇ، شۇڭا ئاياللار بىرەر ئىشقا يولۇققاندا يىغلايدۇ، بۈگۈن ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق يىغلىشىنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئەمەلىيەتتە مۇۋاپىق يىغلاشنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن ئاجايىپ ساقلىقنى ساقلاش رولى بار.
1- پىسخىكا ساغلاملىقىغا پايدىلىق
نۇرغۇن پىسخولوگلار يىغلاشنىڭ پايدىسى بار دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە يىغلاڭغۇ ئادەملەر ئازراقمۇ ئاجىز ئەمەس، ئاشۇ كىتاب ياكى كىنو كۆرسىمۇ يىغلايدىغان كىشىلەر ھالقىلىق پەيتلەردە «ياش تۆكمەيدىغان كىشىلەر» دىن كۆپ ئىرادىلىك كېلىدۇ.
بىراق، شۇنىڭغا دېققەت قىلىش كېرەككى، يىغلىغاندا ئەڭ ياخشىسى ھۆڭرەپ يىغلىماي، پەس ئاۋازدا يىغلاش، ھەمدە يىغلاۋاتقاندا، ئازاب ۋە ئۇۋالچىلىقنىڭ ھەممىسىنى ياش بىلەن بىللە چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ئويلاش كېرەك.
2- ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشقا پايدىلىق
بىز يىغلىغان ۋاقىتتا، توختىماي نەپەس ئالىمىز، بۇ نەپەس ئېلىش سىستېمىسى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىگە زور دەرىجىدە پايدىلىق. بۇ خىل «يىغا ئارلاش نەپەس» دەم سىقىلىش ۋە كانايچە ياللۇغىنى داۋالايدىغان ئىنتايىن ئۈنۈملۈك نەپەس ھەرىكىتى ھېساپلىنىدۇ.
3- كۆز ساغلاملىقىغا پايدىلىق
كۆز يېشىدا «باكتېرىيە ئېرىتكۈچى فېرمېنت» بار بولۇپ، بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ بىر خىل قوغداش ماددىسى ھېساپلىنىدۇ.
بىز يىغلىغان چاغدا، كۆز يېشى كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى نەمدەپ، كۆزنى تازىلاپلا قالماي، يەنە كېسەللىك باكتېرىيىسىنى يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4- ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زەھەر ھەيدەش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق
بەزى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم قايغۇرۇپ غەزەپلەنگەندە ئاققان ياشنى قاچىغا ئېلىپ، ئاندىن چۈمۈلىنى سالسا، چۈمۈلە ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ كېتىدىكەن!
بۇنىڭدىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، قايغۇلۇق كۆز يېشى ئىنتايىن زەھەرلىك، شۇڭا ئازابلانغان ۋاقىتتا كۆز يېشىڭىزنى تۇتىۋالماڭ، چۈنكى بۇ ناھايىتى ياخشى زەھەر تازىلاش جەريانى.
بىراق ساقلىقنى ساقلاش مۇتەخەسسىسلىرى مۇۋاپىق يىغلاشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر يىغلىغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە كۆز ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ياكى ئىشتىھاغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، چوقۇم يىغلىغان ۋاقىتقا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
كۆز يېشىنى تۇتىۋالغانلىق «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش» بىلەن باراۋەر
ئادەتتە كىشىلەر يىغلىغاندىن كېيىن، كەيپىيات سىجىللىقى % 40 تۆۋەنلەيدۇ، ئەكسىچە، ئەگەر كۆز يېشىنى تۇتىۋالسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزىلەر، كۆز يېشىنى تۇتىۋېلىش «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش» بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 0
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读0
粉丝0
内容0