大数跨境

كەچ ئۇخلايدىغان ئاياللارنىڭ ھەيران قالارلىق ئالاھىدىلكى

كەچ ئۇخلايدىغان ئاياللارنىڭ ھەيران قالارلىق ئالاھىدىلكى Qux Yixix
2025-11-20
1
بەزىلەر، كەچ ئۇخلايدىغان كىشىلەرنى ھېكايىسى بار كىشىلەر دەيدۇ.
كەچ ئۇخلايدىغان ئاياللار، بالدۇر ئۇخلاشنىڭ مۇھىملىقى ھەم كەچ ئۇخلاشنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، بەزى ۋاقىتلاردا يەنىلا كەچ ئۇخلاشنى كونترول قىلالمايدۇ. 
ئۇ ئۇيقۇ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت ساقلاش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك.
دائىم كەچ ئۇخلايدىغان ئاياللارنىڭ قەلبىدە ھېكايە بولۇپلا قالماي، ئۇلاردا يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە ئالاھىدىلىكلەر بار. قاراپ بېقىڭ سىزدىمۇ بارمۇ؟
1.ھەمىشە يالغۇزلۇق ھېس قىلىش
كەچ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتقى جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە مۇستەقىل كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار قەلبىدە ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرەلەيدۇ.ئۇ بەختسىز ئىشلارغا يولۇقسىمۇ ئاسان ئاشكارىلىماي پەقەت ئۆزىنى بېسىشنى تاللايدۇ، كۆڭلىدىكى بارلىق ئاغرىنىشلارنى ئۈن-تىنسىز يوشۇرىدۇ.
ھەقىقىي ھېسسىياتىنى يوشۇرۇشقا ۋە نېقابلىنىشقا ئادەتلەنگەن، كۈندۈزى خوشال كۆرۈنگىنى بىلەن، پەقەت كېچىدىلا ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ.
 قاراڭغۇلىقتا ھېسسىياتىنى يالغۇز بىر تەرەپ قىلىپ، ئەتىسى ياخشى قوپۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.
图片
 بۇ دۇنيادا ھېچكىم يالغۇزلۇقنى ھەقىقىي ياقتۇرمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدە بەك كۆپ نەرسە يوشۇرۇنغان بولۇپ ھېچكىمگە سۆزلىمەيدۇ ھەم ئورتاقلاشمايدۇ، شۇڭا بۇلارغا ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ.ئاستا-ئاستا، بىر ئادەم بارلىق يالغۇزلۇق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتۇلۇپ بولغاندا، باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتمەيدۇ.
بۇنداق ئايال ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھەم ئەقىللىق بولىدۇ. 
2.نازۇك ۋە سەزگۈر بولۇپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل
بەزى كىشىلەر بىرى تەرىپىدىن سۆيۈلسە ياش تۆكمەيدۇ، خۇشال ئادەم كەچ ئۇخلىمايدۇ دەيدۇ.
تۇرمۇشتا، ئاياللار كەچ ئۇخلاشنى قانچە ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ يۈرىكى شۇنچە سەزگۈر ۋە نازۇك بولىدۇ.
بۇ يولدا، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىپ، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنىمۇ چۈشىنىپ، بارچە توغرا ۋە خاتالىقنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ۋاقىتنىڭ يىغىلىشىدا، قەلبىنىڭ تېگىدىن ئۆزلۈكىدىن چوڭقۇر چارىسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، ئەرز-شىكايەتلەرگە تولغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى قايغۇلۇق ھېس قىلىدۇ.
مۇھەببەت ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ سەۋەبىدىن، ھەمىشە بۇ توغرىلىق ئويلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم بالدۇر ئىشىنى تۈگىتىپ كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇخلىيالمايدۇ، تېلېفوننى كەچكىچە تۇتۇپ چوڭقۇر خىيالغا پاتىدۇ.
بۇنداق ئايالنىڭ ئەمەلىيەتتە ئانچە كۆپ تەلىپى يوق، ئۇ پەقەت خۇشاللىقنىلا ئارزۇ قىلىدۇ، بىراۋنىڭ ئۇنىڭ نازۇكلىقىنى چۈشىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ھەتتا ئاددىي بىر ياخشى كېچە بولسىمۇ، قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئۇنى خاتىرجەم ۋە قانائەتلەندۈرىدۇ.
3.قاتتىق ئېغىز لېكىن يۇمشاق يۈرەك، بەك ھېسسىياتچان بولۇش
ئاياللارنىڭ خاراكتېرى تاشقى قىياپىتىدە بولماستىن، بەلكى يوشۇرۇنغان ئىچكى قەلبىدە بولىدۇ.كەچ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئاغزى قاتتىق بولغىنى بىلەن لېكىن جىق ۋاقىتتا ئىنتايىن باغرى يۇمشاق ۋە ھېسسىياتچان، ئەمما ئۇلار ھەمىشە بىپەرۋا كۆرۈنىدۇ. 
ئەمەلىيەتتە، ئۇ كۆرسىتىشتىن قورقىدۇ، ھەمدە ئەڭ يۇمشاق تەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ.
 كۈن بويى مۇھەببەت ھەققىدە سۆزلىمەيدۇ، پايدا ياكى زىياننى ھېسابلىمايدۇ، ھەمىشە باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئويلايدۇ، شۇڭا جىق ئىشقا دائىم سەل قارايدۇ.بەلكىم مىجەزى مۇلايىم بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما يۈرىكى تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، شۇڭا ئۇنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيدۇ، ئۆزىنى خالىغانچە ئۈن-تىنسىز ياخشى كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن.
بەزىدە، بىر ناخشا سەۋەبىدىن يىغلاپ كېتىدۇ، ياكى كېچىدە بىرسىنى سېغىنغانلىقىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. 
图片
بۇنداق ئاياللار كەڭ قورساق بولۇپ، ئاسان تەسىرلىنىدۇ، مۇھەببەتكە بەك چوڭقۇر ئىشەنگەچكە ئاسان قاپسىلىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كەچ ئۇخلايدىغان ھەر بىر ئايالغا نىسبەتەن، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنى سۆيۈش. يۈرىكىڭىزنى مۇۋاپىق قويۇڭ، لاياقەتسىزلەرگە ئاچچىقلانماڭ، لاياقەتسىز ئۇخلىماڭ. بۇنىڭدىن كېيىن، چوقۇم بالدۇر ئۇخلاڭ، پەقەت سەزگۈرلۈكتىن قۇتۇلۇپ روھىڭىزنى ئۇرغۇتقاندىلا، ھەر كۈنى گۈزەل ۋە راھەت ياشىيالايسىز. 

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128