چۈشىدە مال سېتىۋېلىش، تۇرمۇشنىڭ راھەت، ئىقتىسادنىڭ باياشات، ئازراق ئامەتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە نەرسە - كېرەك سېتىۋالغاندا تاللاش جەريانى بولىدۇ، يەنە تاللاشقا سىمۋول قىلىنىدۇ، ئېغىر - يېنىكلىكى، پايدا - زىيىنىنى ئۆلچەيدۇ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش ياكى بەك ئىككىلىنىپ كەتمەسلىك، ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئەسكەرتىلىشى مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە تاشقى سودا مەخسۇس پۇكىيى ئالدىدا ياكى ئىمپورت قىلىنغان مەخسۇس سېتىش دۇكىنى قاتارلىق ھەشەمەتلىك سورۇنلاردىن مال سېتىۋالسىڭىز، كۆڭلىڭىزدىكى شۆھرەتپەرەسلىكنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.
چۈشىدە ئۆزىنىڭ دىتۈي، كەچلىك بازار، ئۇششاق تاۋارلار بازىرى قاتارلىق جايلاردىن مال سېتىۋالغانلىقىنى كۆرسە، پۇل - مال جەھەتتە ئەمەلىيەتتە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە ھاۋالە قىلىش ئورنى ياكى كىيىم - كېچەك دۇكىنىدىن مال سېتىۋالسىڭىز، يەنە مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا داۋالغۇش يۈز بېرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، بەلكىم كۆڭلىڭىزدە باشقىلارغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم سىز ئاشىقىڭىزنىڭ باشقىلارغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلىڭىزدىكى ئادىمىڭىزنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىشىڭىز مۇمكىن.
چۈشىدە تۈرلۈك ماللار شىركىتىدىن مال سېتىۋالسا، خۇش خەۋەر ياكى كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئانىسى، ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە مال سېتىۋالسا، چۈش كۆرگەن ئادەمنىڭ يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسىنىڭ بارلىقىنى، ئىقتىساد ۋە ئاڭ جەھەتتە تېخى مۇستەقىل ئەمەسلىكىنى، بىرەر ساھەنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە مۇھەببىتىڭىز بىلەن بىللە مال سېتىۋالسىڭىز، ئادەتتە سىزنىڭ كۈتكەن سوۋغاتقا ئېرىشىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەگەر سىز قىز دوستىڭىز بىلەن ئېلېكتىر سايمانلىرى، تېلېۋىزور، كارىۋات قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى سېتىۋالسىڭىز ، بۇ روشەن مەنىگە ئىگە بولىدۇ، بۇ سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، ئۆي تۇتۇش ياكى توي قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئېرى ياكى ئايالى بىلەن بىللە مال سېتىۋالسا، تۇرمۇشىنىڭ باياشات، راھەت، ئائىلىسىنىڭ ئىناق، ئىللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە دوستلىرى بىلەن بىللە مال سېتىۋېلىش چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ دوستلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ياردەمگە موھتاج بولغاندا، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ خۇشال، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە ئۆزىنىڭ تاللاپ مال سېتىۋالغانلىقىنى كۆرسە، چۈش كۆرگەن ئادەمنىڭ ئاقىلانە ئادەم ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، تۇرمۇشتا ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاشقا ماھىر بولۇپ، قىممەتنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ ھەمدە ئەقىلگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ.
چۈشىدە ساراڭلارچە مال سېتىۋېلىش ياكى قالايمىقان پۇل خەجلەش، نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش چۈش كۆرگۈچىلەرگە تېجەشكە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن، بولمىسا ناھايىتى تېزلا يەنە كىرىم چىقىمنى قاپلىيالمايدىغان «ئايدا قۇرۇقدۇلۇش جەمەتى» ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، يەنە باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.
چۈشىدە تاللا بازىرىدىن يېمەكلىك سېتىۋالسا، دوستلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىدىغانلىقىنى، ھېسسىياتىنىڭ ئىناق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئالاقە ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنىنى ئايلانسا، كۆڭلىدىكى ئادىمىنى ئۇچرىتىپ، مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئاياغ دۇكىنىدىن مال سېتىۋالسا، ۋەيران بولۇشى ياكى قەرزى بولسىمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە كىتابخانىدا ھەر خىل كىتابلارنى ئاختۇرۇپ چۈشىسە، ساغلاملىق جەھەتتىكى تەلىيى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردۇ. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان چارچاش سەۋەبىدىن، ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا روھسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى دالىدا بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك.


