كۆكتات بازىرى كۆپچىلىكنىڭ يېمەكلىك سېتىۋېلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان سورۇنى. لېكىن، كۆكتات بازىرىدىكى يايمىچىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن مال كىرگۈزۈش يولى ۋە ئۆلچىمى بولمىغاچقا، نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتتى.

شۇڭا، كۆپچىلىك كۆكتات سېتىۋالغاندا چوقۇم ياخشى قاراش، « زەھەرلىك» يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالماسلىقى كېرەك!
كىسەلدىن يىراق تۇراي دىسىڭىز، تۆۋەندىكى 5 خىل كۆكتاتنى ھەرگىز سىتۋالماڭ.

01
ئىككى تەرىپى قارا قېرىنقۇلاق(قارا مور)
قارا مورنى تاللاشتا قانچە قارا بولسا شۇنچە ياخشى دېگەن قاراش خاتا، نورمال قارا مورنىڭ ئالدى تەرىپى قارا قوڭۇر، كەينى تەرىپى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولۇشى، ئىككىلا تەرىپى قارا بولماسلىقى كېرەك.
بىر قىسىم قانۇنسىز سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنىڭ رايىغا باقىدىغان ئاتالمىش« قارا مور» غا ئېرىشىش ياكى قارا مورنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىمىيەۋى رېئاكتىپ ئارقىلىق ماگنىي سۇلفات بىلەن قارا قېرىنقۇلاقنى چىلاپ قويىدۇ.

سۇغا چىلىنىپ بولغان قېرىنقۇلاقنىڭ ئىككى تەرىپى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ئوڭ-تەتۈر تەرىپى بولمايدۇ، ھەتتا سىرتقى يۈزىدە ئاق رەڭلىك قوشۇمچە نەرسىلەر ياكى كىچىك ئاق رەڭلىك كىرىستاللار بولىدۇ.
بۇ خىل قېرىنقۇلاقنى ئىستېمال قىلسا سالامەتلىككە بەلگىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچچىق ھەم قىرتاق، تەمىمۇ ياخشى ئەمەس.

02
رەڭگى قىزغۇچ بولۇپ قالغان دېڭىز يۈسۈنى
ئەگەر قىزىل دېڭىز يۈسۈنىنىڭ قىزغۇچ بولۇپ قالغانلىقى بايقالسا، نەملىشىپ پاختىلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. تېخى كۆكىرىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ توكسىن پەيدا قىلىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئەگەر قىزىرىش روشەن بولمىسا، ئىسراپ بولۇپ كېتىشتىن قورقۇپ، چوقۇم يىمەكچى بولسا، ئۈزۈل-كېسىل قىزدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، قولايلىق بولۇشنى كۆزلىمەسلىك، قايناق سۇغا سىلىپ قاينىتىپ ئۈزۈل-كېسىل قىزىتىپ، تولۇق پىشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن يېيىش كېرەك.

03
زىيادە ئاپئاق ئاق مور
ئاق مورنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق، گۈلى چوڭ ھەم بوش، قۇرغاق، سىلىق، ئېتى قېلىن بولۇپ، پۇرىقى سۇس خۇش پۇرايدۇ. بەزى سودىگەرلەر ئاق مورنى ياخشى سېتىش ئۈچۈن، گۈڭگۈرت ئىشلىتىپ ئىسلايدۇ، بۇ ئاق مورنىڭ تەبىئىي سۇس سېرىق رەڭگىنى قاپلاپلا قالماستىن، يەنە كۆكىرىپ قالغان ئاق مورنى« ئەسلىگە كەلتۈرۈپ» ، پارقىراق« ئاق مور» غا ئايلاندۇرىدۇ.

شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، « گۈڭگۈرت ئاق مور» نىڭ رەڭگى ئاق، پۇرىقىدا بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراق بار، ئازراق ئېلىپ تىلىنىڭ ئۇچىغا قويۇپ قويغاندا، نەشتەردەك ئاچچىق تۇيغۇ بېرىدۇ.
بۇنداق ئاق مورنى ھەرگىز سىتۋالماسلق كېرەك.

04
پارقىراق پۇرچاق قېقى
كۆپ ئۇچرايدىغان پۇرچاق قېقى ئاق رەڭلىك ۋە قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ، ئوخشاش قوڭۇر رەڭلىك بولسىمۇ، رەڭگى قېنىق ھەم سۇس بولىدۇ. قارىماققا رەڭگى چىرايلىق، سىرتقى شەكلى كۆركەم بولغان پۇرچاق قېقى بەلكىم بويالغان بولۇشى مۇمكىن.

قانۇنسىز سودىگەرلەر كوكس قەنتىنىڭ رەڭگىنى پۇرچاق قېقى بىلەن بويىسا، پۇرچاق قېقى تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپلا قالماي، رەڭگى تېخىمۇ پارقىراق، تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
لېكىن، دۆلەت كوكس شېكىرى رەڭگىنى پۇرچاق ياسالمىلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان پىگمېنتلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرىكمە پىگمېنتلار بولۇپ، ئەگەر كۆپ مىقداردا قوشۇلسا، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن جىگەر ۋە بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ياخشى پۇرچاق قېقىدا پۇرچاقنىڭ مەززىلىك پۇرىقى بولىدۇ، ئەگەر بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان چۈچۈمەل پۇراقنى پۇرىسا، بوياش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان پۇرچاق قېقى بولۇش ئىھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى، پۇرچاق قېقى سىتۋالغاندا چوقۇم بەك دېققەت قىلىش كېرەك.

05
قىپقىزىل قىزىلمۇچ
نورمال ئەھۋالدا، مۇچ يۈزى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولىدۇ، قىزىق ماي سېپىپ مۇچ مېيى قىلسا، قارامتۇل قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.
بىر قىسىم قانۇنسىز سودىگەرلەر پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، سۈپىتى ناچار مۇچتىن مۇچ چۆپى قاتارلىقلارنى ياساپ، فازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، لودەنمىڭ( Bبىر خىل سانائەت بويىقى، ئىستېمال قىلغاندا راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن) ياكى ئەڭلىك قىزىل (بىر خىل رەڭ بەرگۈچى، نورمىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ) قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مۇچنىڭ رەڭگىنى ئوچۇق قىزىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇچ سېتىۋالغاندا مۇنداق ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى، ھەرگىز ئەرزان بولۇشنى كۆزلىمەسلىك، باھاسى بەك تۆۋەن بولغانلىرىدا مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن قالسا رەڭگىگە قاراش، رەڭگى ئوچۇق قىزىل بولغانلىرىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك.



