چۈشىدە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىسا گەپ تالىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
چۈشىدە ئۇسسۇل ئوينىسا، چۈش كۆرگۈچىنىڭ خىزمىتىنىڭ ناھايىتى يەڭگىل بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىزمەتتىن نۇرغۇن خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، كۈتۈلمىگەن ئامەتنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە كىچىك بالىنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسە، چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئۆيىنىڭ بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى قىزىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىسىمۇ ناھايىتى گەپ ئاڭلايدۇ.
چۈشىدە بوۋاينىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسە، چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئىشلىرىنىڭ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەرلەر چۈشىدە يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسا، چۈش كۆرگۈچىدە غەم - قايغۇ ۋە ئازاب بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە بىمارنىڭ ناخشا ئېيتىشى چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىققا يولۇقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن سىز ئامالسىز قېلىپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىڭىزگە ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇشقا ئامالسىز قالىسىز.
سودىگەر چۈشىدە ناخشا ئېيتسا ،چۈش كۆرگۈچىنىڭ سودىسىنىڭ تۇيۇقسىز كاساتلىشىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە باشقىلارنىڭ ناخشا ئېيتىشى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈش كۆرگۈچىدىن ناھايىتى تېزلا خۇش خەۋەر كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خىزمەتچى خادىملار چۈشىدە ناخشىچىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسا، ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەسكى خەۋەرنى ئاڭلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
توي قىلغان قىز چۈشىدە يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسا، چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئۆيىدە بالا تۇغىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئاياللار بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىسا، چۈش كۆرگۈچىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئاياللارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ ئامەت كېلىپ، بېيىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە باشقىلار سەكرىسە، ئۆزى بىر چەتتە ئولتۇرۇپ كۆرسە، ئەسكى خەۋەر كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاياللار چۈشىدە ئېرىنىڭ ناخشا ئېيتقانلىقىنى كۆرسە، ئۇزۇن ئۆتمەي ھامىلدار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈش كۆرگۈچىنىڭ بىر ئوغۇل تۇغۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئايالىنىڭ ناخشا ئېيتىشى چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە ئاشىق - مەشۇقلار بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىسا، چۈش كۆرگۈچىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قىزچاق چۈشىدە يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسا، چۈش كۆرگۈچىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن تۇغقانلىرىنىڭ تويىغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


