大数跨境

ئەرلەرنىڭ جېنىنى ئالىدىغان بىمەنە سوئاللار

ئەرلەرنىڭ جېنىنى ئالىدىغان بىمەنە سوئاللار Qux Yixix
2026-02-04
0

图片قىز-يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىىشنىڭ ئالدىدا يىگىتلەر قىزلارنى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قوغلىشىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ، ئامال قىلىپ قىزنى تەسىرلەندۈرۈپ "ماقۇل" دىگۈچە ئىشقىلىپ ئوتقا ۋە سۇغا كىرىشكىمۇ رازى بولىدۇ،" سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، سۆيىمەن، كۆيىمەن.." دىگەن گەپلەرغۇ ئاغزىدىن چۈشمەيدۇ!!

ئەممازە كەلتۈرىۋالغاندىن كېيىن مۇشۇ يىگىتلەر سەل ئۆزگىرەشكە باشلايدۇ، ئىشقىلىپ كەلتۈرۋالدىدە، ئەمدى ئاخسالىق قىلىۋالمىسا  بولاتتىمۇ!!

شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىنلا سەزگۈر قىزلارنىڭ يىگىتلەرنى قىينايدىغان سوئاللىرى چىقىشقا باشلايدۇ. بەزى ئەقىللىق يىگىتلەر قىزلار سورىغان سوئاللارغا قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك جاۋاپ بېرىپ ئۇلارنى خوشال قىلىدۇ، ئەمما بەزى دۆت يىگىتلەرنىڭ بىپەرۋا جاۋاپلىرى قىزلارنى تېخىمۇ جىلە قىلىدۇ!!  مەسىلەن:

01

مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟

دۆت يىگىتلەرنىڭ جاۋابى مانا مۇنداق!!

-ياخشى كۆرىمەن.

-بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ!

-مۇشتا سوراۋېرىپ زېرىكمەمسىز؟

ئەقىللىق يىگىتلەرنىڭ جاۋابى:

قىزنىڭ كۆزىگە بىر دەم قاراپ تۇرىۋىتىپ، بېشىنى لىڭشىتىش ۋە چىڭڭىدە قۇچاقلاش!!

قىزلار ئەسلىدىنلا ھېسىياتچان، بىر مۇنچە قۇرۇق گەپتىن بىر قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى ھەقىقىي تىترىتەلەيدۇ!!


02

قاراڭ بۇ كىيىمىم يارىشىپتىمۇ؟

دۆت يىگىتلەرنىڭ جاۋابى:

-يارىشىپتۇ!

-نېمە كىيسىڭىز يارىشىدىغۇ!

-مەن بىلمىسەم يا قىزلارنىڭ كىيىمىنى!

ئەقىللىق يىگىتلەرنىڭ جاۋابى

-تۆنۈگۈن كىيگەن كىيىمدىن بۇ كىيمىڭىز بەكىرەك يارىشىپتۇ!!

ئەمەلىيەتتە "نېمە كىيسىڭىز يارىشىدۇ" دىگەندەك گەپلەر سىزنىڭ ئەزەلدىن قىز دوستىڭىزنى كىيىنىشىگە دېققەت قىلمىغىنىڭىزنى بىلدۈرىدۇ!!

03

بۇرۇنقى قىز دوستىڭىز چىرايلىقمۇ ياكى مەن چىرايلىقمۇ؟

دۆت يىگىتلەرنى جاۋابى:

-قۇرۇق گەپنى بەك جىق قىلىدىكەنسىز.....

-نىم دىسەم بولا، ئىككىلىڭلارنىڭ ئۆز ئالدىغا چىرايى بارغۇ، بىلمىدىم كىم چىرايلىقكىن!!

-ئۇنىڭ چىرايىنى سىز بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ....

ئەقىللىق يىگىتلەرنىڭ جاۋابى:

قىز دوستىنى تارتىپ ئەكىلىپ سۆيىدۇ ئاندىن كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ" ئەمدى مۇشۇنداق سوئاللارنى سورىماڭ ساراڭ جېنىم" دىسىلا تۈگەيدۇ!!

04

ئەگەر ئاپىڭىز بىلەن مەن تەڭلا سۇغا چۈشۈپ كەتسەم كىمنى ئاۋۋال قۇتقۇزىسىز؟

بۇ سوئال ھەقىقەتەن يىگىتلەرنى بىزار قىلىدىغان سوئال، ئەمما كەپسىز قىزلار يەنىلا بىكاردىن بىكارلا بۇنداق سوئاللارنى سورىمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە قىزلارنىڭ مۇشۇنداق بىمەنە سوئال سورىشى ئۇلارنىڭ شۇ كۆڭلىدىكىدەك جاۋاپقا ئېرىششى خالاس، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش ئھتىماللىقىمۇ يوق!

ئۇنداقتا بىز دۆت يىگىتلەرنى جاۋابىغا قاراپ باقايلى:

-ئادەم زېرىكتۈرىدىغان سوئاللىرىڭىز يەنە باشلاندىما!

-تەڭ قۇتقۇزىمەن!

-بۇنداق سوئالنى سورىماڭ بولامدۇ، مۇمكىن ئەمەس ئىشلارغا بۇ، قىزىزىق....

ئەقىللىق يىگىتلەرنىڭ جاۋابى:

-ئاپام سۇ ئۈزۈشكە بەك ئۇستا، سىزنىلا قۇتقۇزسام بولىدۇ جېنىم!!!

ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، قىزلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى پەقەت يۈرەكنى ئىللىتىدىغان بىر سۆز خالاس!

گەپ قىلىشنى بىلمەيدىغان يىگىتلەر مۇھەببەتتە ئاسان مەغلۇپ بولىدۇ

كونىلار" يىگىتلەر كۆزدىن ياخشى كۆرىدۇ، قىزلار قۇلاقتىن ياخشى كۆرىدۇ" دەپ بىكار ئېيتمىغان، قىزلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشمەكچى بولغان قىزلار چوقۇم ئۇلارنى خوشال قىلىدىغان گەپ سۆزلەرنى بىلىىش كېرەك، قىز دوستىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشى، ھەربىر سوئاللىرىغا، خىياللىرىغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك!!

شۇنداق بىمەنە سوئاللارنىڭ كەينىگە چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى بىلەمسىز؟

سىزدىن شۇنداق تاققا-تۇققا سوئاللارنىڭ سوراپ يۈرگەن قىزنى ساراڭمىكىن دەپ ئويلىماڭ، ئەمەلىيەتتە بىلسىڭىز شۇ بىمەنە سوئاللارنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغىنى سىزگە بولغان چوڭقۇر نازۇك ھېسىيات، چىن مۇھەببەت! چۈنكى قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان يىگىتنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك ئېغىر-بېسىق، جىمجىت ۋە سالاپەتلىك! پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنىڭ ئالدىدىلا  ئۇ مۇشۇنداق ساراڭ!!

ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ سىزنى جىلە قىلمايدىغان، مۇشۇنداق تاققا-تۇققا گەپلەر بىلەن سىزنى بىزار قىلمايدىغان، زېرىكتۈرمەيدىغان، جىمجىت، ئېغىر-بېسىق ۋە قەيسەر قىزغا ئايلىنىپ قالغاندا ئۇنىڭ كۆڭلى ئاللىقاچان ئۆلگەن بولىدۇ، قىزلارنىڭ مۇھەببىتى دەل مۇشۇنداق بەڭۋاش مۇھەببەت!!


شۇڭلاشقا سىزگە ھەرۋاقىت ئەركىلەيدىغان قىزنى قەدىرلەڭ، ئۇ سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز!!


سىزگە تاققا-تۇققا گەپلەرنى ئەركىن-ئازادە قىلالايدىغان قىزنى قەدىرلەڭ، ئۇ سىزنى ئەڭ يېقىنىم دەپ كۆرگەن قىز!!


سىزدىن بىمەنە سوئاللارنى سوراپ سىزنى زېرىكتۈرۋىتىدىغان قىزنى قەدىرلەڭ، ئۇ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان ساراڭ قىز!!


图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 0
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读0
粉丝0
内容0