قايسى بىر دانا ھەقىقىي ئايرىلماقچى بولغان ئادەم ئايرىلغاندا شۇنچە جىمجىت ئايرىلىدۇ دېگەن ئىكەن. ھېسسىيات جەھەتتە ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئاياللارنىڭ جېدەل قىلغىنى بولماستىن ، تۇيۇقسىزلا گەپ سۆزسىز جىمىپ كېتىشى .

ئۇنداق چاغلاردا يىغلىمايدۇ ، سىز بىلەن سوقۇشمايدۇ ، گەپسىز بولۇپ كېتىدۇ . قارىماققا تىنچ سۇدەك شۇنچە جىم كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىچكى دۇنياسى شۇنچە قالايمىقان كىچىككىنە سوغۇق تېگىشىڭىز ياكى ئاچچىقلىشىڭىز خۇددى تىنچ سۇ يۈزى چۈشكەن يوپۇرماقتەك تىنچلىقنى بۇزىۋېتىشى شۇنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئايالىڭىزنىڭ توختىماي كوتۇلدىشىدىن ئەمەس ، گەپ سۆزسىز بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەڭ.
ئايالىڭىز سىزگە قانچە بەك كوتۇلدىسا ، ئۇ سىزنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . سىزنى قانچە ياخشى كۆرسە سىزنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە ئىشلىرىڭىزنى كۆڭلىنى ساقلىۋالىدۇ . ئۆزى قىلالىغۇدەك ئىشلارنى سىز ئۈچۈن قىلىدۇ ، ئۆزى قىلالمىغانلىرىنى توختىماستىن سىزگە تاپىلايدۇ.
لېكىن ، نۇرغۇن ئەرلەر بۇنى چۈشەنمەي ، بۇنداق ئەھۋاللاردا ئۆزىنىڭ بىزارلىق كەيپىياتىنى بىلدۈرىدۇ ، ھەر قېتىم شۇ مېھرىبان ئايالى ئېغىز ئېچىشىغىلا ئۆزىنى قاچۇرۇپ سوغۇق سۇ سېپىدۇ ، ئاخىرىدا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ رايى يېنىپ ئېرىدىن ھېچنىمە سورىمايدىغان ، زېغىرلىمايدىغان ، تاماق يېگەن يېمىگەنلىكىنى سورىمايدىغان ، قېلىن كىيگەن كىيمىگەنلىكىنى سورىمايدىغان بولىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ، ئائىلە شۇنداق تىنچ بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزغىنلىقى ھەم ئەركىلەشلەر يوقايدۇ ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى ئۆز ئارا كۆيۈنۈش يوقايدۇ.
ئاتالمىش بەخىتلىك نىكاھنىڭ كەينىدە توختىماي سۆزلەپ تۇرىدىغان ئايالدىن بىرسى بولىدۇ ، بۇ بىر تەرەپتىن ، سىزنىڭ كەچتە كېيىن قالغانلىقىڭىزدىن ئاغرىنسا ، يەنە بىر تەرەپتىن سىزگە ئىسسىق تاماقنى ئېتىپ تەييارلاپ سىزنى كۈتىدۇ.بەلكى بۇزۇلاي دەپ قالغان ئۆيلەردە بولسا ، ئاياللار سۆزسىز يېرىم كېچىدە قايتىپ كەلسىڭىزمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمايدۇ ، ھەم سىزنى كۈتمەيدۇ.

ئىككى ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا بەزىبىر زىددىيەتلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ، بولۇپمۇ ئاياللار ھېسسىياتچان كەلگەچكە ، بەزىدە كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن بىر كۈن قاقشى مۇمكىن ، لېكىن ھېچقىسى يوق.بۇ يەردە ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئۇنىڭ سىزدىن پەقەت خۇشال بولالمىغانلىقى ۋە سىز بىلەن سوقۇشۇشقا رايى قالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر ئايالنىڭ سىز بىلەن سوقۇشۇپ جېدەل قىلىشى سىزگە ئۆچلۈكى ئەمەس ، بەلكى ئۈمىد باغلىغانلىقى ۋە سىزنىڭ ياخشى ئىنكاس قايتۇرغانلىقىڭىزنى كۆرۈش ئۈچۈندۇر ، شۇڭا نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ئەر ئايال ئۇرۇشۇپ قېلىپ ، قازان ، قاچا ، قۇمۇچلارنى چېقىپ بولۇپ ، كەينىدىن يەنىلا خۇشال ئۆتىۋەرگەنلىكى مۇشۇ سەۋەبتىن
بەزى ئاياللار سىز قانچىلىك ئاشۇرۋەتسىڭىزمۇ ھېچنېمىنى كۆرمىگەندەك ئۇرۇشمايدۇ ، تىللاشمايدۇ ، سىز ئۇنى خاپا بولمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايسىز ، بەلكىم ئۇ ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىشنىڭ قازىنى ئېسىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشۇش ، ئاچچىقلىنىشلار بولسا ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىلىرىنى دېيىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.ئايالىڭىزنى سىز بىلەن ئۇرۇشقۇم كەلمىگەنلىكى ، ئۇنى ئاللىبۇرۇن كۆڭۈل ئىشىكنى تاقىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇنىڭ سىزگە قارىغاندا كۆزلىرى ئىككىنچى مېھىرلىك بولمايدۇ ، سىز قانچە يالۋۇرسىڭىزمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمەيسىز.

ھەر قانداق بىر ئايال كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن تۈگىمەس پاراڭلىرىنىڭ بولۇشىنى ، يولدىشىنىڭ كۈندە ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشىنى، شۇ ئەركە مىجەزىگەكىچىك بالىنى بەزلىگەندەك ئەركىلەتكەندەك ئەركىلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇن ئەرلەر ئايالنى ياخشى چۈشەنمەي ھەم قەدىرلىمەي، كەينى كەينىدىن ئازار بېرىپ ، كۆڭۈلدىكى مۇھەببەت ئوتىنى ئاستا ئاستا ئۆچۈرىدۇ.
ئاخىرىغا كەلگەندە ئايالىڭىزنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغان بولسا جىم بولىۋېلىش ، ئۇنىڭ ئېچىلىپ يېيىلىپ كۈلگىنىنى، سىزنىڭ ھەربىر ئىشىڭىزدىن غۇدۇڭشىشىنى ، سىزگە ئۈمىد باغلاپ تۇرۇپ ، ئاچچىقلاپ قويۇشلىرىنى ئەركىلەشلىرىنى كۆرەلمەيسىز.
شۇڭا ، ئەرلەر يېنىڭىزدىكى شۇ مېھرىبان ، ئەزىزىڭىزنى چۈشۈنۈپ قويۇڭ ۋە قەدىرلەپ قويۇڭ ، ئۇنىڭ جىمىپ كېتىشىگە قاراپ تۇرماڭ ، بولمىسا ئۇ كېتىپ قالغاندا قايتۇرۇپ ئەكىلەلمەيسىز

