
بۇ ئادەتتە ھارارىتى يۇقىرى جايلاردا ئۇزاق تۇرۇپ ئىشلەش، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى ۋە دورا-دەرمەكنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئىسسىقلىق دورىلارنى كۆپ پۇراش، ئۈزمەي يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش. قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلدىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ.
باش چېڭقىلىپ ئاغرىش، زېڭىلداپ ئاغرىش، ئۇيقۇ قېچىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش ھەم بەدەن تېلىپ ياكى سىرقىراپ ئاغرىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1. رىتىسىپ- ئۈزۈم سېركىسىنى باش ۋە پىشانىگە چاپسا ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. رىتىسىپ-بىر چىمدىم قىزىل گۈلنى بىر پىيالە قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

3. رىتىسىپ- ئۆچكە سۈتىگە چىلانغان داكىنى داۋاملىق باشقا قويۇپ بەرسە، ئىسسىقىتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. رىتىسىپ- ئوسۇڭ يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ پىشانىسىگە زىمات قىلىپ چاپسا شىپا بولىدۇ.
5. رىتىسىپ- پالەكنى چالا سوقۇپ، قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە شىپا بولىدۇ.

6. رىتىسىپ-ئوبدان پىشقان شاپتۇلنى يەپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

7. رىتىسىپ- نەشپۈتنى ياكى ئۇنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

8. رىتىسىپ-ئاچچىق ئانارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا ياكى سۈيىنى كۈندە بىر پىيالىدىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

9. رىتىسىپ- قارا ئۆرۈكنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

10. رىتىسىپ-ئاپلىسىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا ياكى سېقىپ سۈيىنى چىقىرىپ كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

11. رىتىسىپ- گىلاسنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا ياكى سۈيىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

12. رىتىسىپ- تاۋۇزنى قىرىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە شىپا بولىدۇ.

13. رىتىسىپ- پىيازنى ئېزىپ پۇرىسا ياكى تاپانغا تاڭسا شىپا قىلىدۇ.
