穷不可怕,可怕的是穷大方,从穷大方到富算计的三种富人思维
بايلارچە تەپەككۇر 1: نامرات مەرت ئالدى بىلەن پۇل ئۇقۇمىنى بىلىشى كېرەك
چوڭ-چوڭ خەجلەيدىغان نامرات مەرتلەر پۇل توغرۇلۇق بىرنېمىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى پەخرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ، ئەمما قاتتىق ياسالمىلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، خەقمۇ بارىبىر خەجلەيدىغىنى سىزنىڭ بولغاندىكىن، ماختىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئولتۇرۇۋېرىدۇ. ئەمما بۇنداق گەپلەرنى پۇلغا توشاق بايلار سۆزلىسە قاملىشىدۇ، يارىشىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئارقا تىرىكى بار. بىراق بىر نامرات ئادەم پۇل توغرۇلۇق بىرنېمىنى بىلمىگەننىڭ ئۈستىگە، مەرتلىك بىلەن خەجلەۋەرسە، پۇل ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرمايدۇ.
شۇڭا نامراتلار نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن پۇل توغرۇلۇق بىرنېمىنى ئۆگىنىشى كېرەك، بايلارچە پىخسىق بولۇش كېرەك، مال سېتىۋالغاندا يەتتە ئۆلچەپ ئاندىن ئېلىشى، باشقىلارنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا يانچۇقىغا قاراپ دوستخان سېلىشى لازىم. ۋاقتانىۋاق كەلگەندە مەرتلىك قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ، ئەمما كۆپىنچە ئەھۋالدا، سەل «پىخسىقراق» بولۇشى كېرەك، باشقىلار كۆزگە ئىلماسمىكى، دەپ قورقۇپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ، كىشىلىك ئالاقە دېگەن ئۆزئارا بولىدىغان نەرسە، ئازراق مەرتلىك قىلىپ قويغىنىڭىزغا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ، ھەم بۇنداق مۇناسىۋەتنى باراۋەر بولدى، دېگىلى بولمايدۇ.
بايلارچە تەپەككۇر 2: مۇۋاپىقپەيتلەردە گاداي قىياپەتكە كىرىۋېلىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىش كېرەك
كونىلارنىڭ گېپى بويىچە، بايلىق دېگەن كۆز-كۆز قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، ئەگەر سىز بايلار بىلەن كۆپرەك ئۇچراشسىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كىشىلىك ئالاقىدەك كۆپىنچە ھالدا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلمايدىغانلىقىنى بايقايسىز، ئەكسىچە نامرات قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، پۇلۇم يوق دەپ قاخشاپ قويىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە گەپ بار، ئۇلارنىڭ پىخسىقلىق قىلىۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت. بۇنداق قىلغاندا بايلارغا پايدىسى كۆپ بولىدۇ، ئاۋارىچىلىق ئاز بولىدۇ. ھالبۇكى بەزى نامراتلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى گاداي دېيىشىدىن قورقىدۇ، نامرات قىياپەتكىمۇ كىرىۋالمايدۇ، تېشى پال-پال ھالەتتە يۈرۈۋالىدۇ. نامراتلار مۇۋاپىق ھالدا گادايدەك قىياپەتكە كىرىۋېلىشنى ئۇقمايدۇ. باشقىلار سىزنى بايكەن دەپ قاراپ قالغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ھالىڭىزغا يېتىدىغاندا يەتمەيدۇ، قولىڭىزدىكى تۆت توك-توك پۇلمۇ نامراتلارچە مەرتلىكىڭىز تۈپەيلى تېزلا تۈگەيدۇ.
شۇڭا نامراتلار نامراتلارچە قىياپەتكە مۇۋاپىق ھالدا كىرىۋالغىنى ياخشى، باشقىلار يادەم قىلمىغان تەقدىردىمۇ پۇل يوق دەپ ئاز-تولا دەپ قويغانمۇ ئوبدان، ھېچ بولمىسا تۆشۈكى كۆرۈنۈپ قالاي دېگەن يانچۇقىڭىزنىڭ پېيىدا بولۇۋاتقانلارنىڭ ئالدى توسۇلىدۇ.
بايلارچە تەپەككۇر 3: يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستېمالدىنيىراق تۇرۇش
كۆپلىگەن نامراتلار ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ. يۈزنى بەك چوڭ بىلىدۇ، پۇل خەجلەش ئارقىلىق ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئابرويپەرەسلىكىنى قاندۇرىدۇ. ھالبۇكى ئادەتتىكىچە پۇل خەجلەش ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار بەك ئەمەلىي ئىلىتىلىش قىممىتى بولمىسىمۇ كىرىمىدىن يۇقىرى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ ھەم مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۇرىنىدۇ. تېلېفوننىلا مىسال ئالساق كۇپايە، بەزى ياشلارنىڭ قولىغا قارايدىغان بولساق ھەر-ھەر داڭلىق ماركىلىق تېلېفونلار، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى تايىنلىق، بۇ دەل نامراتلارچە مەرتلىكنىڭ ئىپادىسى.
بۇنىڭدىن سىرت، كۆپلىگەن نامراتلارسالاھىيىتىدىن ھالقىپ كەتكەن ھەر-ھەر ھەشەم بۇيۇملارنى ياكى ئىقتىسادى كۈچى يەتمىگۈدەك نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ. نامراتلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، ھەرقانداق ئىستېمالنىڭ چېكى بولىدۇ، بۇ خىل چەك كىرىمى بىلەن مۇۋاپىق كەلگەن بولۇشى كېرەك.
ئەلۋەتتە، نامراتلارچە مەرتلىكتىن بايلارچە پىخسىق بولۇشتا، يەنە مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا بىر جەھەتتىن پۇلنى ياخشى تۇتالايدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن كىرىمىنى كۆپەيتەلەيدۇ، بولۇپمۇ مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى دەۋرىدە، پۇل پاخاللىقىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن چوقۇم مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بايلىقىنىڭ قىممىتىنى ساقلىشى ۋە ئۆستۈرۈشى لازىم. ۋاھالەنكى قولى ئوچۇقلۇق قىلىپ، پۇلىنى پايدا كەلمەيدىغان يەرگە سورۇۋەتكەننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.


