ئۆيىڭىزدە چۈمۈلە بولسا بۇ مەزمۇنغا دىققەت قىلىڭ!
1: ئۆيدە نېمىشقا چۈمۈلە پەيدا بولىدۇ
كىلىمات ئۆزگىرىشى: كىلىمات شارائىتى، مەسىلەن، قۇرغاق ياكى يامغۇرلۇق پەسىل چۈمۈلىنىڭ تېخىمۇ راھەت ماكان تېپىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئائىلە مۇھىتى سىرتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇقىم بولغان تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، چۈمۈلىلەرنى كىرىشكە جەلپ قىلىدۇ.
سۇ مەنبەسى: بارلىق جانلىقلارغا ئوخشاش، چۈمۈلىلەرمۇ سۇ بىلەن ياشاشقا موھتاج. سۇ ئاقىدىغان تۇرۇبا، سۇ تامچىيدىغان جۈمەك ياكى سۇ يىغىلىپ قالغان ھەرقانداق جاي چۈمۈلىلەرنىڭ سۇ مەنبەسىنى ئىزدەيدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جايى بولالايدۇ.
ياشاش ماكانىنى ئىزدەش: ئالاھىدە چۈمۈلە تۈرى، مەسىلەن، بەزى چۈمۈلىلەر ياغاچ قۇرۇلمىغا مەپتۇن بولۇپ، يېڭى ئۇۋا ياسايدىغان جاينى ئىزدەيدۇ. باشقا چۈمۈلىلەر سىرتقى مۇھىت شارائىتى (مەسىلەن، ئىسسىق ياكى سوغۇق) مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، ئۆي ئىچىگە كىرىش يولىنى ئىزدەيدۇ.
پۇراق يولى: چۈمۈلىلەر فېروموننى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يولىغا بەلگە قويۇپ، ھەمراھلىرىنى يېمەكلىك مەنبەسىگە يېتەكلەيدۇ. بىر چۈمۈلە ئوزۇق مەنبەسىنى بايقاپ ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، باشقا چۈمۈلىلەرنىڭ ئەگىشىشى ئۈچۈن بىر پۇراق يولىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر چۈمۈلە قوشۇنى شەكىللىنىدۇ.
2: ئۆيدىكى چۈمۈلىلەرنى يوقىتىشنىڭ بۇ ئىككى كىچىك ئۇسۇلىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، مەشغۇلات ئاددىي ھەم ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك :
ئاق ئاچچىقسۇ ئېرىتمىسىنى ئىشلىتىڭ
پىرىنسىپى: ئاق ئاچچىقسۇنىڭ كىسلاتالىق تەمى چۈمۈلىنى ناھايىتى كۈچلۈك قوغلاش رولىغا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چۈمۈلىنىڭ پۇراش يولىنى بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىك مەنبەسىنى تېپىشىنى توسىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچلىرى :
بىر بوتۇلكا ئاق ئاچچىقسۇ ۋە ئوخشاش مىقداردىكى سۇ تەييارلاڭ. ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن سۇنى 1: 1 نىسبەت بويىچە پۈركۈمە بوتۇلكىغا ئارىلاشتۇرىمىز.
چۈمۈلىلەر پەيدا بولىدىغان جايلارغا، بولۇپمۇ كىرىش ئېغىزى، دېرىزە تەكچىسى، ئىشىك يوچۇقى قاتارلىقلارغا بىۋاسىتە پۈركۈلىدۇ. ھەر كۈنى قايتا ـ قايتا ئىشلەتكەندە چۈمۈلە قايتا پەيدا بولمايدۇ.
ئاپلېسىن مېيى ياكى لىمون مېيى
پىرىنسىپى: ئاپلېسىن مېيى تەركىبىدە لىمونېن بار بولۇپ، چۈمۈلە ۋە باشقا ھاشاراتلارغا نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك ھاشارات يوقتىش رولىغا ئىگە. ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پۇرىقىمۇ چۈمۈلىنىڭ پۇراق يولىنى قاپلاپ، باشقا چۈمۈلىلەرنىڭ ئىز قوغلىشىنى توسۇپ قالالايدۇ.
مەشغۇلات باسقۇچلىرى :
بىر بوتۇلكا پۈركۈگۈچكە بىر نەچچە تامچە يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە سۇ قوشۇپ سوپۇن سۈيى ياسايمىز. ئۇنىڭغا 10-15 تامچە ئاپېلسىن مېيى ياكى لىمون مېيى قوشۇش كېرەك. ئارىلاشما سۇيۇقلۇقنى تولۇق چايقىغاندىن كېيىن چۈمۈلىلەر پەيدا بولىدىغان جايلارغا پۈركۈيمىز.
بۇ ئۇسۇللار قوللىنىلغاندا بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، مۇھىم نۇقتا چۈمۈلىنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە ئوزۇقلۇق ئىزدەش يولىنى بۇزۇشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلە مۇھىتىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشىنى ساقلاش چۈمۈلىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچ.


