大数跨境

پاشا ئەڭ ياقتۇرىدىغان بەش خىل ئادەم

پاشا ئەڭ ياقتۇرىدىغان بەش خىل ئادەم Qux Tori
2026-05-27
2

图片ئوخشاش بىر مۇھىتتا تۇرۇپ، بەزىلەرنى پاشا چېقىپ، پۈتۈن بەدىنىنى يارا قىلىۋېتىدۇ، يەنە بەزىلەرگە يېقىنمۇ كەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە پاشىنىڭ بەزى ئادەملەرنى «ياخشى كۆرىشى»دە مەلۇم سەۋەب بولىدۇ.

كاربون (Ⅳ) ئوكسىد.

ئادەملەر نەپەس ئالغاندا چىقارغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى پاشا چېقىش نىشانى قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بولۇپ، پاشىنىڭ ئورۇن بەلگىلەشتە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىدۇر.

پاشا ئېڭەك تۈكچىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئەزاسى ئارقىلىق ئەتراپتىكى مۇھىتنى تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈش ئورنىنى ھەتتا 50 مېتىر يىراقلىققا ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى نەپەس ئارقىلىق چىقارغاندا، تېخىمۇ ئاسانلا پاشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغىلى بولىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بەدەن شەكلى بىر قەدەر چوڭ بولغان كىشىلەر توپى بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مانا بۇ پاشىنىڭ بالىلارغا قارىغاندا چوڭلارنى بەكرەك چېقىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

تېرىدىكى مىكروبلار.

تەتقىقاتلار ئاللىقاچان شۇنى ئىسپاتلىغانكى، ئىنسانلارنىڭ تېرىسىدە بەزى تەبىئىي باكتېرىيەلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە مىقدارىمۇ پاشىنى جەلپ قىلىدىغان بىر مۇھىم سەۋەبتۇر.

ئەگەر تېرىدە كۆپ مىقداردا مەلۇم تۈرلۈك باكتېرىيەلەر بولسا، پاشىنى تېخىمۇ ئاسان جەلپ قىلىپ كېلەلەيدۇ، ئەگەر تېرىدە بەك كۆپ باكتېرىيە بولۇپ، باكتېرىيەلەرنىڭ تۈرىمۇ بىرقەدەر كۆپ بولسا، پاشىنى ئاسان جەلپ قىلالمايدۇ، شۇڭا پاشا ئادەتتە پۇت ۋە پۇت بوغۇملىرىنى چېقىشنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ، چۈنكى بۇ ئورۇنلاردىكى باكتېرىيەلەرنىڭ تۈرى ۋە مىقدارى پاشىنى بەكرەك جەلپ قىلالايدۇ.

پىۋا.

پىۋا ئىچىشنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەرنى پاشىمۇ ياقتۇرىدۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى پىۋا تەرنىڭ ئىسپىرت مىقدارىنى كۆپەيتىشىدىن ئىكەن، بۇ ئارقىلىق يەنە پىۋا ئىچكەن ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ پاشىنى جەلپ قىلىدىكەن، لېكىن نۆۋەتتە بۇ تېخى بىر قىياس بولۇپ، تولۇق ئىسپاتلانمىغان.

قېنىق رەڭلىك كىيىم.

پاشا ئادەتتە كۆرۈش سەزگۈسى ۋە پۇراق سەزگۈسى ئارقىلىق يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، شۇڭا قېنىق رەڭلىك كىيىم ئاسانلا پاشىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالىدۇ.

ھەرىكەت ۋە مېتابولىزم.

نەپەسلەنگەندە چىقارغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىدتىن باشقا، پاشا يەنە كىشىلەرنىڭ تەرلىگەندىن كېيىن چىقارغان سۈت كىسلاتاسى، ئاممىياك گازى ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسى ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەپ، ئۆزىنىڭ يېمەكلىك نىشانى قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى پاشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىدۇ، كۈچلۈك ھەرىكـەتتىن كېيىن سۈت كىسلاتاسىنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندە تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىقنى ھاسىل قىلىدۇ، ناھايىتى روشەنكى، بۇ ئېنىقلا پاشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.

پاشا قوغلاپ، قىچىشىشنى توختىتىش چارىلىرى.

1. ۋىتامىن Bنى سۇغا چىلاپ، بەدەنگە سۈرۈش ئۇسۇلى.

2. ئاپېلىسىن رەڭلىك لامپۇچكا ئورنىتىش ئۇسۇلى، پاشىنىڭ دىققىتىنى چېچىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.


3. قۇرۇتۇلغان ئاپېلىسىن پوستىنى كۆيدۈرۈپ ئىسرىق سېلىش ئۇسۇلى.

4. يالپۇز مېيى ئارقىلىق قىچىشىشنى توختىتىش چارىسى قاتارلىقلار.

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161