大数跨境

بۇ ئالتە نەرسىنى توردىن سېتىۋالماڭ

بۇ ئالتە نەرسىنى توردىن سېتىۋالماڭ Qux Tori
2026-06-06
1

这6种商品最好别在网上买  

来源:(不凡智库)

  رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار ۋە پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، تور سودا مۇلازىمەت سۇپىلىرىنىڭ بازار كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيدى. نۇرغۇن كىشىلەر تور سودا سۇپىسىدىكى تاۋارلارنىڭ خىل كۆپ، سېتىۋېلىش قولايلىق دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تور سودا سۇپىسىدىكى باھا ئادەتتە ئەمەلىي دۇكانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەرزان بولىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر توردىن مال سېتىۋېلىشنى خالايدۇ. لېكىن بەزى نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشىسى توردىن سېتىۋالمىغان ياخشى، بولۇپمۇ          بۇ ئالتە خىل نەرسىنى ھەرگىز توردىن سېتىۋالماڭ:

    بىرىنچى، مېۋە-چېۋە: توردىن مېۋە-چېۋە سېتىۋالغاندا سودىگەرلەر ئادەتتە مېۋە-چېۋە يولدا بۇزۇلۇپ قالغان بولسا تۆلەپ بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ، لېكىن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ توردىن مېۋە-چېۋە سېتىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. چۈنكى مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن سودىگەرلەر ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسەتكەچكە، قولغا تەگكەندىكى مېۋىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە يېڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېۋىلەرنى توشۇش جەريانىدا، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى، نەملىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مېۋىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. گەرچە مېۋە بۇزۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن مېۋىنىڭ يېڭى تەمى قالمايدۇ.

   ئىككىنچى، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر: ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى. بولۇپمۇ ئۆيدە كىنو كۆرگەندە، ھېچنېمە يېمىسە بەك زېرىكىشلىك بولىدۇ. شۇڭا ئۇششاق يېمەكلىككە بولغان ئېھتىياج بەك چوڭ. لېكىن، بۇ ساھەدىكى بىر ئېغىر مەسىلە شۇكى، توردا سېتىشنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەس، مەھسۇلات سۈپىتى تەكشى ئەمەس، بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ سالاھىيىتى لاياقەتلىك بولۇشى ناتايىن. نۇرغۇن بازىرى ئىتتىك ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر قانۇنسىز دۇكانلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان. بۇنداق يېمەكلىكلەر يېيىشلىك بولمىسا ھېچقىسى يوق، يامىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا خام ماتېرىيالنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش، سۈپىتى ناچار بولۇش، مەينەت بولۇش ۋە مۇھىتى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، سالامەتلىككە زىيان يېتىش مۇمكىنچىلىكى بار.

    ئۈچىنچى، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى: ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللاشقا باشلىدى، بەزى كىشىلەر زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى كۆپرەك سېتىۋالدى. لېكىن بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇنى «سودا پۇرسىتى» دەپ بىلىپ، نىشانىنى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى كەسپىگە قارىتىپ، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش نامى بىلەن ساختا مال سېتىۋاتىدۇ. بىز توردىن سېتىۋالغان نۇرغۇن ئاتالمىش زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ئەمەلىيەتتە پۇتيەن، يىۋۇ قاتارلىق جايلاردىن تۆكمە باھادا سېتىۋېلىنغان.

    تۆتىنچى، ئېلېكتىر سايمانلىرى: بىر قىسىم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا قارىتا، تور سودا سۇپىلىرىدا مۇنداق بەلگىلىمە بار: ساندۇقنى ئاچقاندىن كېيىن قايتۇرۇلمايدۇ. لېكىن ئادەتتە، ساندۇقنى ئېچىپ تەكشۈرمىگەندە، ھەتتا ئىشلىتىپ كۆرمىگەندە، سۈپەتتە مەسىلە بار-يوقلۇقىنى بايقاش ناھايىتى تەس. ئەگەر مەھسۇلاتتا مەسىلە كۆرۈلسە، ساتقۇچىلار يۇقىرىقى بەلگىلىمىنى باھانە قىلىپ مالنى قايتۇرۇشقا ئۇنىمايدۇ. يەنە كىلىپ نۇرغۇن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ توردىكى باھاسى بىلەن دۇكاندىكى باھاسى ئوخشاش. دۇكانغا بېرىپ مال سېتىۋالغاندا، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئېنىق چۈشىنەلەيسىز. ھەرقانداق مەسىلە بولسا، خالىغان ۋاقىتتا مال ساتقۇچىنى ئىزدىگىلى بولىدۇ، بۇ توردىن مال سېتىۋېلىشقا قارىغاندا كۆپ قولايلىق.

    بەشىنچى، ئىچ كىيىم: ئىچ كىيىم بەدەنگە بىر قەدەر چاپلىشىپ تۇرىدۇ. ئەگەر سۈپىتى ياخشى بولمىسا، بىزگە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھەتتا تېرە كېسىلى بولۇپ قالغانلارمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، توردىن سېتىۋالغان ئىچ كىيىمنىڭ رازمېرى مۇۋاپىق بولمىسا، ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇ خىل تاۋارلار توردىن سېتىۋېلىشقا ماس كەلمەيدۇ.

    ئالتىنچى، ئەرمەك ھايۋان: ھازىر كىشىلەر ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەرمەك ھايۋان بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرمەك ھايۋانلار دۇكىنىدا سېتىلىدىغان ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ باھاسى بەك يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر دىققىتىنى باھاسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تورغا قاراتقان، لېكىن توردىن ئەرمەك ھايۋان سېتىۋېلىش ياخشى ئەمەس. ئەرمەك ھايۋانلار توشۇش جەريانىدا ئۆلۈپ كېتىشى ياكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئەرمەك ھايۋانمۇ بىر جانلىق، ئۇنى مالغا ئوخشاش توشۇشقا بولمايدۇ.

    يىغىنچاقلىغاندا، گەرچە توردىن مال سېتىۋېلىش ئىنتايىن قۇلايلىق بولسىمۇ، لېكىن دۇكانلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا نۇرغۇن يېتىشسىزلىكلەر بار، شۇڭا توردىن مال سېتىۋېلىشتا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 0
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读0
粉丝0
内容0