كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چارچاش سىرتقى بېسىمدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىز بىلەن «كۈچ سىنىشىۋاتقان»لىقىڭىزدىندۇر. بۇ خىل خوراش تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە پىكىر يولىنى سىناپ بېقىڭ
1. يۈز بېرىپ بولغان ئىشتىن قايتا-قايتا ئۆكۈنمەڭ
ئىش يۈز بېرىپ بولغان بولسىلا، «ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا»دېگەن ئېھتىماللىق بولمايتتى. ئەگەر بۇ ئىشتا يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولسا، كۈچىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزگەرتىڭ؛ ئەگەر نەتىجىسى بېكىتىلىپ بولغان بولسا، ھەرقانچە تېپچەكلىسىڭىزمۇ پايدىسى يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە كەينىڭىزگە بۇرۇلۇپ كېيىنكى ئىشنى قىلغىنىڭىز ياخشىراق. ئاغرىنىش ۋە پۇشايمانغا سەرپ قىلغان ھەربىر مىنۇتىڭىز ھازىرقى ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ.
2.ئۆتكەن خاتالىقىڭىزنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ
ھەممە ئادەمنىڭ ئەخمىقانە ئىش قىلىدىغان، ئەگرى يولدا ماڭىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، ئويلىسىڭىزلا يۈزىڭىز قىزىرىپ، يۈرىكىڭىز سىقىلىپ كېتىدىغان سەۋەنلىكلەرنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ. سىز دائىم ئۆتمۈشكە ئېسىلىۋېلىپ قويۇپ بەرمەيسىز، خۇددى بىر خالتا ئەخلەتنى يۈدۈپ ماڭغانغا ئوخشاش، قانچە يىراققا ماڭسىڭىز، يۈكىڭىز شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپ كەتسۇن، تۈنۈگۈنكى خاتالىق ئۈچۈن بۈگۈنكى ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.
3. دائىم باشقىلارنىڭ بەختىگە قاراۋېرىپ ئۆزىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويماڭ .
بىز دائىم مۇنداق خاتالىق سادىر قىلىمىز: باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ كۈنلىرىنىڭ ناچارلىقىنى ھېس قىلىمىز. بىراق، سىز باشقىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەۋەس قىلىۋاتقاندا، باشقىلارمۇ سىزنىڭ ئەركىن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرالايدىغىنىڭىزغا ھەۋەس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيسىز؛ سىز باشقىلارنىڭ دوستىنىڭ كۆپلۈكىگە ھەۋەس قىلىۋاتقاندا، باشقىلارمۇ سىزنىڭ ئۈنۈمسىز ئىجتىمايى سورۇنلاردىن خالىي ، ئەركىن يۈرگىنىڭىزگە ھەۋەس قىلىشى مۇمكىن. باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا تىكىلىپ قارىسىڭىز، تەبىئىيلا ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزەلمەيسىز، شۇڭا نەزىرىڭىزنى يىغىپ، قولىڭىزدا تۇتۇپ تۇرغان نەرسىلەرگە ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ.
4.يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، ناھايىتى راھەت ياشىغىلى بولىدۇ
نۇرغۇن كىشىلەر دائىم يالغۇزلۇقنى ھېچكىمنىڭ كۆيۈنۈشى يوقتەك ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە يالغۇز تۇرۇشلا ئەڭ ئەركىن تۇرمۇش ھالىتىدۇر. باشقىلارغا قەستەن ياخشىچاق بولۇشىڭىز ھاجەتسىز، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان قىزىقچىلىققا زورلىشىڭىز ھاجەتسىز، نېمە يېگۈڭىز كەلسە شۇنى يەيسىز، دوستىڭىزنىڭ ئاز بولۇشىمۇ ھېچقانچە كەمچىلىك ئەمەس، ئۆزىڭىزنى ماس كەلمەيدىغان چەمبىرەككە كىرىشكە مەجبۇرلىغاندىن كۆرە، يالغۇز قالغان ۋاقتىڭىزدىن ئوبدان ھۇزۇرلانغان ياخشى، سىزنىڭ بۇ خىل ئەركىن ھالىتىڭىزگە بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئوغرىلىقچە ھەۋەس قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
5.باشقىلاردىن بەك يۇقىرى ئۈمىد كۈتمەڭ
سىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئائىلىڭىزدىكىلەر، ئەڭ ياخشى دوستلىرىڭىزنىڭمۇ سىزنىڭ ھەربىر مىنۇتلۇق كەيپىياتىڭىزنى پۈتۈنلەي چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا ھەممە يەردە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە يېقىش مەجبۇرىيىتى يوق. ناۋادا، سىز ھەمىشە ھەممە ئادەمنىڭ سىزنى چۈشىنىشى، رايىڭىزغا بېقىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىنىدىغىنى چوقۇم ئۆزىڭىز بولىسىز. ئۈمىدنى ئۆزىڭىزدە ساقلىسىڭىز، باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتكەندىنمۇ ئىشەنچلىك بولىسىز.
6.ھەرقانداق ۋاقىتتا، سىزنىڭ قايتىدىن يولغا چىقىش غەيرىتىڭىز بار
ھازىر ئۆزگەرسەم بەك كېچىككەن بولىمەن دەپ قالماڭ، قىيىنچىلىققا يولۇقساملا ئۆتەلمەي قالىمەن دەپمۇ قالماڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ كۆپ يامان، ھازىر پەسكويغا چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئالدىڭىزغا بىر قەدەم ئارتۇق ماڭسىڭىز، يۇقىرىغا قاراپ ماڭغان بولىسىز. پەقەت سىز ئۆزىڭىزنى چۈشەپ قويمىسىڭىزلا، ئالدىڭىزغا ماڭىدىغان يولىڭىزنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئىچكى خۇراشنى توختىتىشنىڭ ماھىيىتى دەل ئۆزى بىلەن ياخشى چىقىشىپ ئۆتۈشتۇر. پايدىسى يوق ئىشلارنى ئاز ئويلاپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆپرەك قىلسىڭىز، كۈنلىرىڭىزنىڭ ئاستا-ئاستا يېنىكلەپ قالغانلىقىنى بايقايسىز.


