چۈشىڭىزدە ئۆزىڭىز ساراڭ بولۇپ قىلىپ چۈش كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تالانتىڭىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى، ئەقىل - پاراسىتىڭىزنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە خوتۇنىنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسە، خوتۇنىنىڭ ئائىلىسىنى رەتلىك يىغىشتۇرۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم، ئەر - خوتۇننىڭ ئىناق ئۆتۈپ، تەڭ ياشاپ تەڭ قېرىيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ساراڭلار دوختۇرخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ چۈش كۆرسە ، مەكتەپ مۇدىرى بولۇش مۇمكىنچىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ساراڭلار بىلەن پاراڭلاشسا، بەختسىزلىك، مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭزدە تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالىتىپ چۈش كۆرسىڭىز سىزنىڭ يامان ئادەتنى يۇقتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىڭىزنى كونترول قىلالماسلىقىڭىزدىن، ھەتتا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويۇشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

