



بۇ چوڭ بانان، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدىكى بىر ئالاھىدە بانان سورتى، گېن ئۆزگىرىشى ۋە دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش ھاجەتسىز بولۇپ، دەرەخ غولىنىڭ ئېگىزلىكى 18 مېتىر، ئايلانمىسى ئىككى مېتىرغا يەتكەن.

بانان دەرىخى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئادەتتىكى بانان دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى مېتىرغا يەتمەيدۇ، بىراق سورتى ئېگىزلىرىنىڭمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت-بەش مېتىردىن ئاشىدۇ. ئەمما بۇ گىگانت بانان دەرىخى ناھايىتى ئېگىز بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى مېۋىسىمۇ ناھايتى چوڭ بولۇپ، ھەر بىر تال باناننىڭ ئېغىرلىقى بىر كىلوگرامدىن ئىككى كىلوگرامغىچە كېلىدۇ.

سۈرەتتە: بۇ يەردىكى دېھقان تېخى پىشمىغان بىر تىزىق چوڭ باناننى كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

سۈرەتتە: چوڭ بانان دەرەخىدىكى باناننىڭ ئۇرۇقىمۇ ناھايتى چوڭ بولۇپ، بۇنىڭ بىخلىنىش جەريانىغا 1~2 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

سۈرەتتە: بۇ چوڭ سورتلۇق بانانلار ئادەتتە ئىگىز تاغلاردا ئۆسىدۇ، بۇنى يەرلىك بانانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ سورتلۇق بانانلارنىڭ تەمى ئانچە تاتلىق ئەمەس، شۇنداقتىمۇ بۇ بانانلار يەرلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق يېمەكلىك.

سۈرەتتە: چوڭ بانان دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىمۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 2 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر ئەتراپىدا، ھەم ناھايتى قېلىن ۋە پۇختا بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر بۇنى ئۆگزىلىرىنى يېپىشقا، يېمەكلىك ئوراپ قاچىلاشقا ئىشلىتىدۇ.

سۈرەتتە: بۇ باناننى قولدا تۇتۇپ تۇرسا ھەقىقەتەن چوڭ كۆرۈنىدىكەن.

سۈرەتتە: چوڭ سورتلۇق بانان زاۋۇتى، كىشىلەر زاۋۇت ئالدىغا كېلىپ بۇ چوڭ بانانلار بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشىدۇ.

سۈرەتتە: چوڭ سورتلۇق بانان بىلەن ھاراق بوتۇلكىسى سېلىشتۇرمىسى.

سۈرەتتە: چوڭ بانان بىلەن بىلىكىمىزنى بىر يەرگە قويغاندا... ھەي، يەنىلا بانان بەكلا چوڭكەن جۇمۇ.

سۈرەتتە: سورتلۇق بانان بىلەن يەرلىك بانان بىر يەرگە قويۇلغان.

سۈرەتتە: بانان بىلەن بىلەك سېلىشتۇرۇلغان.

سۈرەتتە: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سورتلۇق بانان، بىر دانىسى ئىككى كىلوگرام بولۇپ، 30 يۈەنگە سېتىلىدۇ، نورمالدا بىر ئادەم پەقەت يېرىمىنى يېيەلەيدۇ.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.




