大数跨境

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىستىقباللىق 8 شەھەر

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىستىقباللىق 8 شەھەر Uysayahet
2017-06-05
0
导读:BIنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2050-يىلىغا بارغاندا پۈت



    BIنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2050-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم نوپۇس شەھەرگە مەركەزلىشىدىكەن. نۆۋەتتە، پۈتۈن يەر شارى نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى شەھەر رايونىدا تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

    شەھەر مەركەزلىرى كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ نوپۇسنى سىغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سىياسەت تۈزۈش، مۇھىت ئاسراش، شۇنداقلا يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن پىلان تۈزۈش قاتارلىقلارغا كۈچىشى كېرەك. 

    دۇنيا سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى--كېرنېي باشقۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش شىركىتى (A.T. Kearney) يېڭىدىن ئېلان قىلغان دوكلاتتا كەلگۈسىدىكى رىقابەت كۈچى ۋە مۇھىملىق دەرىجىسىنى پەرەز قىلىش ئارقىلىق 128 شەھەرنى رەتكە تىزغان. ئۇلار بۇ تەرتىپنى بېكىتىشتە مۇھىت، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پاتېنت، كارخانىلارنىڭ كۆپىيىش ئېھتىماللىقى، دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانا ھەمدە تۇرمۇش سۈپىتى قاتارلىقلارنى ئۆلچەم قىلغان.

    تۆۋەندىكىسى كەلگۈسىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان شەھەرلەر:

    1. ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرى: بۇ كېرنېي شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى شەھەرلەرنى 7-قېتىم رەتكە تىزىشى. دۇنيا پەن-تېخنىكا مەركىزى بولغان سان فىرانسىسكو ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستۈنلىكى بىلەن بۇ تەرتىپتە ئىزچىل 1-ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىرېمنىي جىلغىسى پەن-تېخنىكا مەركىزىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇ شەھەر كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە دۇنيا مەبلىغى، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ھەمدە ساقلاپ قېلىش جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، سان فىرانسىسكونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پاتېنتىنىڭ سانىمۇ كۆپىيىدىكەن.

    2. ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرى: 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نيۇيورك 2-ئورۇنغا تىزىلىپ كەلگەن. پۈتۈن دۇنيانىڭ مودا، پۇل-مۇئامىلە، ئاخبارات ۋە پەن-تېخنىكا مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ شەھەرنىڭ سودا پائالىيىتى، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھەمدە ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېرىشكەن نومۇرى ئەڭ كۆپ بولدى. نيۇيوركنىڭ كاپىتال بازىرى ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە ئورۇنلىرىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

    3. فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى: كەلگۈسىدىكى مۇھىملىق دەرىجىسى ھەمدە رىقابەت كۈچىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پارىژ ئاللىبۇرۇن ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ رىقابەتچىسىگە ئايلىنىپ بولدى. 2016-يىلى پارىژ بۇ تىزىملىكنىڭ 13-ئورنىدىن بىر سەكرەپلا 3-ئورنىغا چىقتى. فىرانسىيەنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارىژدىكى كارخانىلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى ئېشىش بىلەن بىرگە، چەتئەل ۋە دۆلەت ئىچى خەۋپ-خەتەر كاپىتالى ۋە خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى شىركەتلىرىدىن ئېرىشىدىغان شەخسىي مەبلىغى بارغانسېرى ئاشماقتا. 


    4. ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرى: 2016-يىلى لوندون مەدەنىيەت تەجرىبىسى ۋە ئىختىساسلىق كىشىلىرى كۆپ بولغاچقا بۇ تىزىملىكتە 4-ئورۇنغا تىزىلدى. دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇلازىمەتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ سانى، ئاخبارات تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ سانى، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، خەلقئارالىق ساياھەت ھەمدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار سانى قاتارلىقلار جەھەتتە 1-ئورۇنغا تىزىلدى.

    5. ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرى: كېرنېي باشقۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىگىلىك تىكلەش روھى بوستوندا بارا-بارا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. بۇ تارىخىي شەھەر ئىزچىل تۈردە بىيو تېخنىكىغا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بىر قىسىم ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار جايلاشقان ئورۇنغا ئايلاندى. بوستوندا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ماسساچۇستېس تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى بار.

    6. ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرى: مېلبۇرن 2 يىلدىن بۇيان كېرنېي شىركىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ بەختلىكلىك دەرىجىسىنى باھالىشىدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. بۇ ئاۋسترالىيە بويىچە 2-چوڭ شەھەر مېلبۇرننىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە چەتئەل مەبلىغىنى بىۋاستە قوبۇل قىلىش سۈرئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيادىكى ھەرقانداق شەھەردىن تېز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مېلبۇرننىڭ مۇھىت ئاسراش جەھەتتە ئېرىشكەن نومۇرىمۇ خېلى يۇقىرى. 


    7. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخىن شەھىرى: ميۇنخىن ئېھتىمال يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىۋا بايرىمى بىلەن نام چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇ شەھەر ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئاساسلىق پەن-تېخنىكا مەركىزى. چۈنكى ميۇنخىن تور سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتا نۇرغۇن ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

    8. ئامېرىكىنىڭ خىيۇستون شەھىرى: خىيۇستون ئۇدا 2 قېتىم كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شەھەر بولۇپ باھالاندى. كېرنېي شىركىتى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ پۇقرالارنىڭ بەختلىكلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان بۆلىكىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مۇھىم رول ئوينىغان. نۆۋەتتە، بۇ شەھەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پاتېنت سانىمۇ ئاشماقتا. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پاتېنت سانى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش روھى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان كۆرسەتكۈچ.

    ئەلۋەتتە، ھوقۇق بىلەن بايلىق يەنە سەلبىي تەسىرلەرنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. سان فىرانسىسكو دائىم دۇنيا بويىچە ئۆي-مۈلۈك باھاسى ئەڭ يۇقىرى شەھەر دەپ باھالىنىدۇ.

    تېڭشۈن تورى  خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:




【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70