


ئۈندىدار كۈندىن كۈنگە مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ،لېكىن مەن ئۈندىدار ئەپ دېتالىنىڭ بەزى ئىختىدارلىرى بەك ياخشى لاھىيەلەنمىگەن دەپ ئويلايمەن،سىزچۇ؟
1.باشقىلار تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلسە ياكى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلسە ئەسكەرتىش يوق
بۇ مەن ئەڭ چۈشىنەلمەيدىغىنى،باشقىلار مېنى ئۈچۈرۋەتسە ئۇلار يەنىلا مېنىڭ ئۈندىدارىمدا ئورۇن ئىگەللە پ تۇرىدۇ،نېمىشقا ئۆز-ئارا ئۈچۈرۈش دەپ بىر تۈرنى ياكى مېنى ئۆچۈرۋەتكەنلەرنى تازلاش دەپ بىر تۈرنى قوشۇپ قويمايدۇ؟

كۈندە نەچچە ئون قېتىم مۇشۇنداق جەسەت تازلاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالىدىغان گەپ


نېمىشقا مېنى ئۆچۈرگەنلەرنى تازلاش دېگەن ئىختىدار بولمايدۇ؟
2.ئەخلەت ساندۇقى ئىختىدارى
ئۈندىداردىكى پاراڭلىشىش خاتېرىسى بەزى ۋاقىتلاردا بەك قىممەتلىك بولۇپ كېتىدۇ،سۆزلىشىش خاتېرىسىنى يۇيىۋاتكىنىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى كاچاتلىغىدەك بولۇپ كېىتىسىز. ئەگەر ئەخلەت ساندۇقى ئىختىدارى بولغان بولسا ئەگەر كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئېلگىرىكى سۆزلىشىش خاتىرىسى لازىم بولۇپ قالسا(پۇلۇڭنى كېلەر ئايدا قايتۇرىمەن دېگەن دوستىڭىز مەن ئۇنداق دېمىگەن دەپ گېپىدىن يېنىۋالسا ھاھاھا) يەنە ئەسلىگە كەلتۈرەلىسەك نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە


3.دوسلار چەمبىرىكى
بۇھەقىقەتەن ئادەمنى بىزار قىلىدىغان لاھىيە

مەسىلەن مەلۇم دوسىتىڭىزنىڭ ئايالى يەڭگىگەن بولسا سىز ئۇنىڭ رەسىمىگە يۈرەك بەرگەن بولسىڭىز(دىيەنزەن دىيەنزەن )تەبرىكلەيمىز بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۈندىدارىڭىزنىڭ ئاستى قىزىل چېىتلەر بىلەن توشىدۇ،باشقىلار سۆز قالدۇرسا سىزنىمۇ تەك ئەسكەرتىدۇ،لېكىن مەن بۇلارغا قىززىقمايدىغان تۇرسام

4.ئۈندىدار توپ
دوسلىرىىز بەزى توپلارغا ئەكىرىپ قويسا چىقىپ كېتەي دېسىڭىز تېخى،شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر كەلسىمۇ ئەسكەرتمەس قىلىپ قويىسىز

لېكىن كۈنلەرنىڭ بېرىدە قىزىقىپ توپنى شۇنداق ئېچىپ قالسىڭىز نەچچە ھەپتىدىن بۇيان توپلىشىپ قالغان ئۇچۇرلار ھەممىسى كېلىدۇ.......
ئېقىم مىقدارى مۇشۇنداقلا تۈگەيدۇ m500 مېنىڭ




