


«Barcroft TV»نىڭ 6-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ھىندىستاننىڭ خارىيانا ئىشتاتىدىكى نارېش كۇمار ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھىندىستان بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ قىممەت بۇقىسى بارلىقىنى ئېلان قىلدى، ئۇ بۇقىنىڭ ئىسمى «سۇلتان»، ئېگىزلىكى 5 فۇت 11 دىيۇم (تەخمىنەن 1.80 مېتىر)، تەن ئۇزۇنلۇقى 14 فۇت (تەخمىنەن 4.26 مېتىر)، ئېغىرلىقى 1.5 توننا، ۋىسكى ئىچىشكە ئامراق، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى باشقا بۇقىلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، قىممىتى 2 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 22 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ).

نارېشنىڭ ئېيتىشىچە، «سۇلتان» ھەر كۈنى 10 كىلوگرام سۈت، 15 كىلوگرام ئالما، 20 كىلوگرام سەۋزە، 10 كىلوگرام ئاشلىق ۋە 10 كىلوگرامدىن 12 كىلوگرامغىچە كۆكتات يەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك يېمەكلىك خىراجىتى 33 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 290 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) بىلدۈردى.


شۇنداق بولۇپلا قالماي، «سۇلتان»نىڭ يەنە بىر ئالاھىدە ھەۋىسى بار، ئۇ ۋىسكى ئىچىشكە ئامراق، غوجايىنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنى ئېلىپ سەيلە قىلدۇرىدۇ، ئۇ 5 كىلومېتىر يول مېڭىپ بولغاندىن كېيىن كەچتە بىر بوتۇلكا ۋىسكى بەھرىمان بولالايدۇ.

«سۇلتان»نىڭ بەدىنى بەك قاۋۇل بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۇرۇقىنىڭ بازىرىمۇ ناھايىتى ئىتتىك، ئۇنىڭ ھەر بىر دوزا ئۇرۇقىنىڭ بازار باھاسى 4 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 35 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ)، ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدىكى باقمىچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى سېتىۋالىدۇ، شۇڭا ئېھتىياج مىقدارى غايەت زور، نارېشنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بىر يىللىق پۈتۈشۈش سوممىسى تەخمىنەن 120 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) ئىكەن.

«سۇلتان» ھازىرغىچە ھىندىستاندىكى 7 مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان بۇقا دەپ قارىلىدۇ.

«سۇلتان»غا قارايدىغان ئادەم مۇنداق دېدى: «ئۇ ھازىر پۈتۈن ھىندىستان بويىچە ئەڭ كۈچلۈك بۇقا، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ناھايىتى ساغلام، بىراق ئۇنىڭ ‹ھاراقكەش›لىكى بالىلىرىغا ئېرسىيەت قالمىدى».
مەنبە: نۇر تورى؛ تەرجىمىدە : رۇشەن




