


ئېرپان،خالىق ۋە نەبىجان مېسسى بىلەن كۆرۈشتى

ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى ، ئىسپانىيە بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى مېسسى يېقىندا دۆلىتىمىزگە نەچچە كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان بولۇپ نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان . بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:05 دە دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ،كۆزگە كۆرۈنگەن پۇتبول چولپىنى ئېرپان بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئېرپان مىسسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن .. تەشكىللىگەن تەرەپ مىسسىغا ئېرپانجاننىڭ مۇسابىقىلەردىكى كىرگۈزگەن توپلىرىنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرسەتكەن .. مىسسى ئېرپانجاننىڭ يۇقىرى سەۋىيدىكى كاللا توپنى كۆرۈپ ئېرپانجاندىن بىر نەچچە سوئال سورىغان ... يەنى سىز قايسى كۇلۇپتا توپ تېپىسىز ؟ مەن سىزنى ئەجەپ ئۇزغۇنلۇق ۋە باشقا مۇسابىقىلەردە ئۇچىرتىپ باقمىغان ئىكەنمەن دېگەن . كېيىن شۇ يەردىكى ۋاستىلەر ئېرپانجاننىڭ تېخى باشقا كۇلۇپقا بارمىغانلىقى ، ھازىر دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ مەشىق قىلۋاتقانلىقى ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشۋاتقانلىق توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
ئېرپانجاننىڭ كەينىچىلاپ كىرگۈزگەن توپىغا يۇقىرى باھا بېرىپ چاۋاك چېلىپ ھاياجانلىنىپ كەتكەن .. ھەمدە مەن كەسپى ھاياتىمدا نۇرغۇنلىغان توپ كىرگۈزگەن لېكىن بۇنداق توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان دەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تولۇق فىلىمى
http://www.yizhibo.com/l/pcimIAeoHfFTUMlY.html?referrer=redirect

ئاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىرپان مېسسىدىن
قانداق بىرھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىزنى مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرىشقا تۈرتكە بولدى ؟دەپ- سۇئال سورىدى


ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن چۈشەندۈرگۈچى دوڭلۇ ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى بىلەن نەبىجان مۇئەللىم ۋە8ياشلىق ئىنىمىز ئابدۇخانلىق مېسسى بىلەن ئايرىم ئۆيدە
كۆرۈشتى













