



چىمبۇلاق تەنتەربىيە مەدەنىيىتى (مەخسۇس) خەۋىرى : دۇنياۋى داڭلىق گېگانىت پۇتبول چولپىنى لىئونىل ئاندېرىس مېسسى يىقىندىلا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى تۈگىتىپ ، شاھلىق لوڭقىسىغا ۋە ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ شەرەپ قۇچقان بولۇپ باشقا سەبداشلىرى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن مۇشۇ ۋاقىتلاردا مېسسى دەم ئالماي ، جۇڭگوغا كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى .

بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە بارسېلونا كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان ئارگېنتىنالىق چولپان مېسسى رەسمىي مىكرو بىلوگ ئېچىپ، قىسقا فىلىم ئارقىلىق جۇڭگودىكى توپ مەستانىلىرىگە سالام يوللىدى. ئىگىلىنىشچە، مېسسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگوغا كېلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىدىكەن.
مېسسى مىكرو بىلوگىغا مۇنداق دەپ يازغان: «Ni Hao! It's a pleasure to meet all of you here. I'll be in China very soon and look forward to it» (ياخشىمۇسىلەر! بۇ يەردە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇۋاتىمەن، مەن ناھايىتى تېزلا جۇڭگوغا بارىمەن، مەن بۇنىڭغا ناھايىتى تەقەززا بولدۇم).


مېسسى مىكرو بىلوگىنى يېڭىلاپ ئىككى سائەتتىلا يۈرەك بېرىش ۋە تارقىتىش قېتىم سانى 10 مىڭدىن ئاشقان.

چىمبۇلاق تەنتەربىيە مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىلىشىچە مېسسى جۇڭگوغا (بېيجىڭ) غا كېلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان بولۇپ پائالىيەتكە قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن ئادىداس تەرەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەتىسى دىيارىمىزدىن يىتىشىپ چىققان تالانتلىق پۇتبولچى ، كۆزگە كۆرۈنگەن ماھىر ، دۆلەت ياشلار كوماندىسىدا قىينلىق دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغان پۇتبول چولپىنىمىز ئادىداسنىڭ يەنە بىر ھەمكاشلاشقۇچىسى ئىرپان ھىزىمجان بىلەن مەخسۇس كۆرۈشىدىكەن .

ئېگىلىشىمىزچە جۇڭگو تەرەپتىن پۇتبولچىلاردىن پەقەت ئىرپانلا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان بولۇپ ئۇنىڭ پائالىيەتكە قاتنىششى ئۈچۈن ئادىداس ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلغان ئىكەن ، يەنە بىرىنجى ئىيۇن كۈنى مېسسى پائالىيەتكە قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن ئىككىنجى ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئىرپان بىلەن كۆرۈشىدىكەن .

ئادىداس تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئىرپان مېسسىدىن بىرنەچچە سوئاللارنى سورىسا بولىدىكەن .


بىز ھەر تەرەپتىن يىتىشىۋاتقان ، تالانتلىق پۇتبولچىمىز ئىرپاننى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ مېسسى ياكى رونالدونىڭلا مەستانىسى ئەمەسلىكىنى ھەر ئىككىلىسىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

بىز ئاخىرىدا ئىرپاننىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشىنى تېخىمۇ تىرىشىپ كەلگۈسىدە ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ياۋروپا سەھنىلىرىدە چاقىنىشىنى ، دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ دۆلەتكە تۆھپە قوشىدىغان پۇتبولچىلاردىن بولۇپ قېلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ! مەنبە : چىمبۇلاق تەنتەربىيە مەدەنىيىتى






