大数跨境

دۇنيادىكى ئەڭ مەينەت ئارال

دۇنيادىكى ئەڭ مەينەت ئارال Uysayahet
2017-05-17
1
导读:ئالىملار «ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى»


ئالىملار «ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى ئادىمىزاتسىز مارجان ئارال خېندېرسون ئارىلى دۇنيادىكى ئەڭ مەينەت ئارال ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خېندېرسون ئارىلى دېڭىزدىن يىراق ئارال بولۇپ، ئالىملار تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە 5-10 يىلدا ئاران بىر قېتىم بارىدىكەن. ئۇلار يېقىندا ئارالغا چىققان ۋاقىتتا ئارالدا تەخمىنەن 17 توننا سۇلياۋ ئەخلەتنى بايقىغان، بۇ ئەخلەتلەر تەخمىنەن ھەر بىر كىۋادرات مېتىر ئورۇنغا 671 پارچىدىن توغرا كەلگەن. 

بۇ ئارالنىڭ جايلاشقان ئورنى سەۋەبلىك، سۇ ئېقىمىنى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەخلەتلەر ياكى تاشلاندۇق كېمىلەرنى بۇ جايغا ئېقىتىپ كېلىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئارالدىكى ئەخلەتلەر ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىنمۇ كۆپ ئىكەن، چۈنكى ئۇلار پەقەت ئىككى مىللىمېتىردىن چوڭ ياكى قۇملۇق قەۋىتىنىڭ 10 سانتىمېتىر ئاستىدىكى ئەخلەتلەرنىلا تەتقىق قىلغان. تەتقىقاتچىلار تىك قىيا ۋە دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى تىك قىيالارنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمىگەن. 

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە،  ئارالنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى سۇلياۋ ئەخلەتلەردىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان 300 مىليون توننا سۇلياۋنىڭ كۆپ قىسمى بىرتەرەپ قىلىنماي، ئاخىىردا دېڭىزغا ئېقىپ كىرىدۇ ھەمدە قىرغاقتىكى ئاھالىلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. 

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى


【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70