



يانفونغا سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرغاندا، نومۇرنى خاتا ئەستە تۇتۇۋېلىش ياكى خاتا كىرگۈزۈپ قويۇش سەۋەبلىك سۆزلىشىش ھەققى باشقىلارنىڭ يانفونىغا كىرىپ كېتىپ قالىدۇ. بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ يانفونىغا خاتا كىرىپ قالغان سۆزلىشىش ھەققىنى قايتۇرۇش كېرەكمۇ؟
سۆزلىشىش ھەققى خاتا تاپشۇرۇلۇپ قالغاندىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەك؟
1. ئىككى تەرەپ كېلىشىش
سۆزلىشىش ھەققى خاتا تاپشۇرۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، پۇلنى قايتۇرۇشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ناۋادا قارشى تەرەپ بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىسە ياكى پۇلنى قايتۇرمىسا سوغۇققانلىق بىلەن يانفون نومۇرى تەۋە شىركەتنىڭ مۇلازىمەتچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تىزىملاتقاندىن كېيىن مۇلازىمەتچىنىڭ ياردىمىدە بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
2. يانفون نومۇرى تەۋە شىركەتتىن سۆزلىشىش ھەققىنى يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش
بىر قىسىم ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، مەسىلەن خاتا قاچىلىنىپ قالغان سۆزلىشىش ھەققىنىڭ سوممىسى يۇقىرى بولغاندا قارشى تەرەپ بۇ پۇلنى ئەسلىدىكى نومۇرغا سۆزلىشىش ھەققى سۈپىتىدە قاچىلاپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ. قارشى تەرەپ قوشۇلغان، سىستېما يول قويغان ئەھۋالدا يانفون نومۇرى تەۋە شىركەتنىڭ ئورگان تور بېتى ياكى تىجارەت زاللىرىدا قاچىلانغان سۆزلىشىش ھەقلىرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باشقا نومۇرغا يۆتكىگىلى بولىدۇ. بىراق، بۇ ئۇسۇلنى پەقەت ئۆلكە ئىچىدىكى ئابونتلارغا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە، قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىدا يېتەرلىك پۇل بولغان ئەھۋالدا ئاندىن قوللىنىشقا بولىدۇ.
3. قارشى تەرەپنىڭ پۇلنى قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلىش
خاتا يۆتكەلگەن پۇل ياكى سۆزلىشىش ھەقلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا سوممىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىنى ھارام پايدىغا تەۋە قىلىشقا بولىدۇ. ناۋادا ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىسە ياكى كېلىشكىلى بولمسىا سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرغان تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ھارام پايدا ئالغانلىقىنى ئېيتىپ سوتقا ئەرز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىسا بولىدۇ.
گەرچە قانۇندا ھارام پايدا ئالغان تەرەپنىڭ پايدىنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇشى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خېلىلا قىيىن. ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ھارام پايدىغا ئېرىشكەن تەرەپنىڭ يانفون نومۇرىنىلا بىلگىلى بولىدۇ، باشقا ئۇچۇرىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يانفون نومۇرى تەۋە شىركەتنىڭ مۇلازىمەتچىسى خېرىدارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ج خ ئورۇنلىرى ئارىلاشمىغان ئەھۋالدا قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىدۇ. بىراق، ساقچىلار «قانۇن پۇقرالارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغدايدۇ، پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرىنى ساقچىلارنىڭمۇ تەكشۈرۈش ھوقۇقى يوق» دەپ قارايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولمىغانلىقتىن، بۇنداق دېلولارنى ئادۋوكاتلارمۇ بېجىرىشنى خالىمايدۇ.
«ئاسماندىن چۈشكەن» سۆزلىشىش ھەققىنى تاپشۇرۇۋالغاندا قايتۇرۇش كېرەكمۇ؟
دۆلىتىمىز «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 92-ماددىسىدا «قانۇنىي ئاساس بولمىغان ئەھۋالدا باشقىلارنى زىيان تارتقۇزۇش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ھارام پايدا چوقۇم زىيان تارتقۇچىغا قايتۇرۇلۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.
خاتا تاپشۇرۇلۇپ قالغان سۆزلىشىش ھەققىنى تاپشۇرۇۋالغاندا چوقۇم «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك.
ھەرقايسى تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى:
كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى:
ناۋادا سۆزلىشىش ھەققى تىجارەت زالىدا تاپشۇرۇلغان بولسا شۇ كۈنىدىكى مۇلازىمەت تالونىغا ئاساسەن تىجارەت زاللىرىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ناۋادا توردا ياكى باشقا ئۇسۇللاردا سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرۇلغان بولسا ئۆزى قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
2. بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى:
تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملارنىڭ خاتا مەشغۇلاتىدىن كېلىپ چىقمىغان، يەنى خېرىدارنىڭ يانفون نومۇرىنى خاتا مەلۇم قىلىشى سەۋەبلىك خاتا تاپشۇرۇلغان سۆزلىشىش ھەققىنى قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۆزلىشىش ھەققىنى قايتۇرۇشنى خالىمىغان يانفون ئىگىسىنى ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بىراق، بۇ ئۇسۇلدا چىقىم كۆپ كېتىدۇ، سۈرئەت ئاستا بولىدۇ.
3. قانۇندىكى ھەل قىلىش چارىسى:
سوت مەھكىمىسىگە سۆزلىشىش ھەققى خاتا تاپشۇرۇلۇپ قالغان ئادەمنى ئەرز قىلىپ، قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بىراق، سۆزلىشىش ھەققى خاتا تاپشۇرۇلۇپ قالغان يانفون نومۇرى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا ئەرز قىلىش سۇبيېكتى مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. ئەرز قىلىنىدىغان سۇبيېكتقا ئېرىشىش ئۈچۈن سىز چوقۇم ئەڭ ئالدى بىلەن تېلېگراف شىركەتلىرىن ئەھۋال ئىگىلىشىڭىز كېرەك. ناۋادا تېلېگراف شىركەتلىرى «شەخسنىڭ مەخپىيىتىگە چېتىلىدۇ» دەپ قارىسا خېرىدارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا سىز ئالدى بىلەن تېلېگراف شىركەتلىرىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئىسپات بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنى ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ.
نۇر تورى تەرجىمىسى




