大数跨境

2017-يىلى پۈتۈن دۇنيادا يۈز بەرگەن يەتتە چوڭ ئاپەت

2017-يىلى پۈتۈن دۇنيادا يۈز بەرگەن يەتتە چوڭ ئاپەت Uysayahet
2017-06-21
2
导读:7.ياۋروپادىكى قاتتىق سوغۇق 1-ئايدا شەرقىي ياۋروپا بىل

 

7.ياۋروپادىكى قاتتىق سوغۇق 

1-ئايدا شەرقىي ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا ياۋروپا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق سوغۇقنى باشتىن كەچۈردى، بىر قىسىم رايونلاردا نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە سۇ تىرانسپورتى ۋاقىتلىق توختىتىلدى، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە باشقا مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر قاتتىق بۇزۇلدى. رۇسىيەنىڭ ئاپرىنودا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 45.4 گىرادۇسقا چۈشتى، قاتتىق سوغۇقتا كەم دېگەندىمۇ 61 ئادەم قازا قىلدى. 

6. ئافغانىستاندىكى قار كۆچكۈنى 

2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە ئۇدا ياغقان قاتتىق قار سەۋەبلىك، ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگراسىدا بىر قانچە قېتىم قار كۆچكۈنى بولدى. قاتتىق ياغقان قار مەزكۇر دۆلەتتىكى كۆپلىگەن جايلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 34 ئۆلكىنىڭ 22 سى قار كۆچكۈنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. قار كۆچكۈنىدە 100 دىن كۆپرەك ئادەم قازا قىلىپ، نەچچە ئونلىغان ئائىلە ۋە دېھقانچىلىق مەيدانى ۋەيران بولدى، نەچچە يۈزلىگەن ھايۋان ئۆلدى. 2617 ئائىلىدىكى 15702 ئادەم قار كۆچكۈنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. 

5.كولومبىيەنىڭ موكادىكى تاغ سىيرىلىش

4-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە، قاتتىق ياغقان يامغۇردىن پەيدا بولغان كەلكۈن ۋە تاغ سىيرىلىش كولومبىيەنىڭ موكاغا ھۇجۇم قىلدى، ئاپەتتە 316 ئادەم قازا قىلىپ، 332 ئادەم يارىلاندى، 103 ئادەم يوقاپ كەتتى. بۇ قېتىمقىسى، كولومبىيە تارىخىدىكى ھاۋارايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 3-قېتىملىق زور ئاپەت، كىشىلەر بۇ قېتىملىق ئاپەتنى موكا تارىخىدىكى ئەڭ زور ئاپەت دەپ قارىدى. 

4. يېڭى زېللاندىيەنىڭ پورت تېغىدىكى زور ئوت ئاپىتى

يېڭى زېللاندىيەنىڭ پورت تېغىدا، ئارىلىقى نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككى جايدىكى ئايرىم كۆيۈۋاتقان ئوت 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ پەلەككە يەتتى، 24 سائەت ئىچىدە ئىككى جايدىكى ئوت ئۆزئارا قوشۇلۇپ كەتتى، كۆيگەن جاينىڭ دائىرىسى 2 مىڭ گېكتاردىن ئېشىپ كەتتى. بىر تىك ئۇچار ئوت ئۆچۈرگۈچە چۈشۈپ كەتتى، ئۇچقۇچىمۇ قازا قىلدى. توققۇز ئورۇندىكى ئۆي كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى، يەنە ئىككى جايدىكى ئۆي ئوت ئاپىتىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلدى، نەچچە مىڭ ئادەم چېكىندۈرۈلدى. 66 كۈندىن كېيىن بۇ ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى جاكارلاندى. 

3. فىلىپپىننىڭ باتاڭگاستىكى يەر تەۋرەش

4-ئاينىڭ بېشىدا، فىلىپپىننىڭ باتاڭگاستا ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى باشقا جايلاردا قاتتىق يەر تەۋرىدى. 1-قېتىملىق يەر تەۋرەش 4-ئاينىڭ 4-كۈنى يۈز بەردى، شۇ قېتىم 5.5 بال يەر تەۋرىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە 934 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىدى. 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىككىنچى قېتىم يەر تەۋرىدى، بۇ قېتىم 5.9 بال تەۋرىدى، پۈتۈن ئۆلكىدە دېگۈدەك قاتتىق يەر تەۋرىدى. بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە رىم كاتولىك دىنىنىڭ سانمارتىن چېركاۋى قاتتىق بۇزۇلدى، باتاڭگاس ئۆلكىلىك پارلامېنت بىناسىمۇ بۇزۇلدى، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى زىيىنى 18 مىليون (تەخمىنەن 122 مىليون 328 مىڭ يۈەن) دوللار دەپ مۆلچەرلەندى. بۈۋى مەريەم ئانا چېركاۋىنىڭ زال تېمى  4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى باتاڭگاس يەر تەۋرىشىدە بۇزۇلۇپ كەتتى. يەر تەۋرەشتە ئالتە ئادەم يارىلاندى، چېكىندۈرۈش مەركىزى ۋاقتىنچە 14 مىڭ ئادەمنى كۆچۈرۈپ چىقتى.

 

2.كانادانىڭ كۇبېكتىكى كەلكۈن

5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەلكۈن كانادانىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلكىسى كۇبېكقا ھۇجۇم قىلدى. قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، 2426 ئۆي سۇدا قالدى، 2720 ئادەم يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى، 146 شەھەر مەمۇرىيىتى دائىرىلىرى كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. نۆۋەتتىكى تۆلەم لايىھەسىگە قارىغاندا، ئاساسلىق تۇرالغۇلارغا ياكى ئىجارە ئالغۇچىلارغا تۆلەم بەرگەن تەقدىردىمۇ، تۆلەم سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 159 مىڭ 208 ئامېرىكا دوللارغا (تەخمىنەن 1 مىليون 81 مىڭ 993 يۈەن) يېتىدىكەن.

1.سومالىدىكى قۇرغاقچىلىق

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، سومالى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد قۇرغاقچىلىقنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۆتكەن 25 يىلدا سومالى 2 قېتىم ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈردى، 2011-يىلدىكى قۇرغاقچىلىقتا 260 مىڭ ئادەم قازا قىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرغاقچىلىقتا 6 مىليون 200 مىڭ ئادەم جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە 3 مىليون ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈش گىردابىغا بېرىپ قالدى. جىددىي خاراكتېرلىك ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالا 360 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن 70 مىڭ بالىنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالدى. قۇرغاقچىلىق سومالىدا ئاچارچىلىق پەيدا قىلغاندىن باشقا، يەنە ئىچى سۈرۈش، خولېرا، قىزىل قاتارلىقلارنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، سان-ساناقسىز بالا ئىشچى ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى سومالىنى مەغلۇپ بولغان دۆلەت دەپ قارىماسلىققا، ئەكسىچە تىرىشىپ قايتا قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشەنچلىك دۆلەت دەپ قاراشقا دەۋەت قىلدى. 

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى



【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70