



سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرى. چېڭدۇ «جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى داڭلىق شەھەر» ۋە «جۇڭگونىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت شەھىرى». ئۇنىڭ «يېمەك-ئىچمەك مەركىزى» دېگەن نامى بار بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئىنتىلىدىغان شەھەر.

شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرى. چىڭداۋنىڭ «شەرقتىكى شىۋېتسارىيە»، «دۇنيا پىۋا شەھىرى»، «دۇنيا يەلكەنلىك كېمە مەركىزى» دېگەن گۈزەل ناملىرى بار. تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادى، دېڭىز بويىغا جايلاشقان رومانتىك شەھەر بولۇشى بىلەن ساھىللىرى، دېڭىز شاماللىرى ۋە يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مەنزىرىلىرى سەۋەبلىك تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ.

خەينەننىڭ خەيكۇ شەھىرى. خەيكۇ 2004-يىلى «ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. قىش پەسلى كېلىشى بىلەن شىمالدىكى نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ جايغا كېلىپ قىشتىن «پاناھلىنىدۇ».


شيامېن. گۇلاڭ ئارىلىنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك. گەرچە بۇ ئارال كىچىك بولسىمۇ، ئەمما گۈزەل مەنزىرىسى ھەرقانداق ئادەمنى جەلپ قىلىۋالىدۇ.
لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرى. داليەننىڭ «شەرقىي شىمالنىڭ دېرىزىسى»، «شىمالدىكى گۆھەر»، «رومانتىك شەھەر» دېگەندەك نۇرغۇن گۈزەل ناملىرى بار. داليەن دېڭىز بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل.

شەندوڭنىڭ يەنتەي شەھىرى. يەنتەي ئاسىيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈم ھارىقى شەھىرى. كۆپكۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، ساپ ھاۋا، گۈزەل شەھەر مەنزىرىسى ئادەمگە باشقىچە ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ.


گۇاڭدوڭ جۇخەي. جۇخەينىڭ «100 ئارال شەھىرى» دېگەن گۈزەل نامى بار بولغاندىن باشقا، يەنە «مەملىكەت بويىچە 40تا ياخشى ساياھەت ئورنى» دېگەن نامى بار.

جياڭسۇنىڭ ياڭجۇ شەھىرى. ياڭجۇنىڭ تارىخىنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 486-يىلىغا سۈرگىلى بولىدۇ. ئادەم ياڭجۇدا ياشىسا خۇددى تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ.

جياڭسۇنىڭ سۇجۇ شەھىرى. سۇجۇ شەرقتە شاڭخەي، جەنۇبتا جېجياڭ، غەربتە تەيخۇ، شىمالدا چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان بولۇپ، «شەرقتىكى ۋېنتسىيە» دېگەن نامى بار. ئىلگىرى سۇجۇ ئەليۇلئەلا چىقىدىغان يۇرت بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ.

يۈننەننىڭ كۈنمىڭ شەھىرى. كۈنمىڭنىڭ 4 پەسلى باھاردەك بولغاچقا «باھار شەھىرى» دەپ ئاتالغان. كۈنمىڭدە 4 پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا گۈللەر ئېچىلىپ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئادەمگە باشقا دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
www.ulinix.cn




