大数跨境

جۇڭگودىكى ئەڭ ئېگىز10ئادەم،ئەمما ياۋ مىڭ ئىچىدە يوق

جۇڭگودىكى ئەڭ ئېگىز10ئادەم،ئەمما ياۋ مىڭ ئىچىدە يوق Uysayahet
2017-06-23
3
导读:سۈن مىڭمىڭ بىلەن شۈي يەن دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئەر-ئايال


سۈن مىڭمىڭ بىلەن شۈي يەن دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئەر-ئاياللار. سۈن مىڭمىڭنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.36 مېتىر، پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.55 مېتىر، ئېغىرلىقى 168 كىلوگىرام؛ سۈي يەننىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.87 مېتىر، پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.2 مېتىر، ئېغىرلىقى 100 كىلوگىرام. 2016-يىلى جىننېس دۇنيا رېكورتىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە ئون رېكورت» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. سۈن مىڭمىڭ 2016-يىلى تەۋەككۈلچىلىك فىلىمى «ئالۋاستى چىرىغىدىكى نىيە قەدىمىي شەھەرى» (تەكلىماكاندىكى بىر قەدىمىي شەھەر، قارۇشتى ۋەسىقىلىرىدە جادۇتا دەپ ئېلىنغان) دە كىلاسسىك ئوبراز «قىزىل مەخلۇق» نىڭ رولىنى ئالغان.

ياۋ مىڭ «كىچىك گىگانت» دېيىلىدۇ، بىراق خېنەندىكى ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن جاۋ ليانىڭ ئېگىزلىكى 2.46 مېتىر بولۇپ، ياۋ مىڭدىن 20 سانتىمېتىر ئېگىز، جۇڭگودىكى گىگانت ئادەملەر تىزىملىكىدە 1-ئورۇنغا تىزىلغان.

جاڭ خۈەن، ئېگىزلىكى 2.38 مېتىر، پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.6 مېتىر، ئېغىرلىقى 133 كىلوگىرام، ئىلگىرى «قۇياش نۇرى تېز يولى» پىروگراممىسىدا نومۇر ئورۇنداپ، بەلگىلەنگەن نۇقتىدىن گارغا توپ تاشلاشتا 1 مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن 20 نى كىرگۈزگەن.

باۋ ششۈن، موڭغۇل، ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھەرى ۋېڭنوت خوشۇنى ئاشىخانسۇمدا تۇغۇلغان، چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى. ئېگىزلىكى 2.36 مېتىر، 2005-، 2008-يىلى ئىككى قېتىم دۇنيا جىننېس رېكورتى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن.


جاڭ جۈنسەي، ئېگىزلىكى 2.42 مېتىر، پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.65 مېتىر، ئېغىرلىقى 120 كىلوگىرام. 16 ياشقا كىرگەندە بوي ئېگىزلىكى قاتتىق تېز ئۆسۈشكە باشلىغان، 22 ياشقا كىرگەندە بوي ئېگىزلىكى 2.12 مېتىرغا يەتكەن.


ۋاڭ توڭشىن، ئېگىزلىكى 2.36 مېتىر، ئېغىرلىقى 165 كىلوگىرام. ئۇنىڭ بويى زىيادە ئېگىز بولغاچقا تۇرمۇشتا خېلى ئاۋارە بولغان، بويى 2.35 مېتىرغا يەتكەن ۋاقىتتا، ئېگىزلىكى 1.80 كېلىدىغان بىر قىز بىلەن يۈرۈپ، ئىككى يىلدىن كېيىن «پەرقىمىز» بەك چوڭكەن دېگەن سەۋەب بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن.


خۇاڭ چاڭچيۇ، ئېگىزلىكى 2.42 مېتىر، پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.61 مېتىر، ئېغىرلىقى 122 كىلوگىرام، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئېگىزلىكىمۇ 1.90 مېتىر، باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ئېگىزلىكىمۇ 1.80 مېتىردىن يۇقىرى.


ياۋ دېفېن، مېڭە ئاستى بېزى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا، ئۆسۈپ-يېتىلىش ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشىمۇ زىيادە تېزلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 2.46 مېتىر، دۇنيا جىننېس رېكورتىغا «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئايال» دەپ خاتىرىلەنگەن، 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى قازا قىلغان.


كاڭ جيەنخۇا، ئېگىزلىكى 2.32 مېتىر، ئۇ ھەر يىلى دېگۈدەك ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىش ئىزدەپ باققان بولسىمۇ، بىراق ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان، «سېخقا بېرىپ ئىشچى بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق ئىستانوك ئويۇنچۇقتەك كۆرۈنۈپ بولدى قىلغان. ئىشخانا بىناسىدا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بىنانىڭ ئىچىگە كىرە-كىرمەيلا بويى تاقىشىپ قالغان. سىرتتا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، بىراق سىرتنىڭ ھاجەتخانىسىغا كىرەلمەي بولدى قىلغان. ...»، ئۇ ئىلاجسىزلىقتىن پەقەت توردا قىلىدىغان خىزمەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان.


ۋاڭ فېڭجۈن، خېنەننىڭ چەت يېزىسىدىن كەلگەن «گىگانت» ئادەم، ئېگىزلىكى 2.55 مېتىر، ئۇنىڭ بۇ بويى بىلەن تەڭلىشەيلەيدىغان ئادەم يوق، ئايىغىغىمۇ 75-نومۇرلۇق ئاياغ كىيىدۇ، كارىۋىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە ئۇزۇن. كىچىك ۋاقتىدا ئادەتتىكى بالىلار بىلەن ئوخشاشتى، بويىمۇ نورمالتى، بىراق 20 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بويى 2 مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن، ھەر يىلى قان كەملىكنىڭ دەردىنى تارتقاچقا، بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى زەئىپلىشىش دېگەندەك كېسەللەر ئاۋارە قىلغان، 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى قازا قىلغان.

مەنبە:http://www.nur.cn/news/2017/06/397748.shtml




【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70