大数跨境

دۇنيادىكى خەنزۇچە ئىسمى ئەڭ ئۇزۇن تۆت دۆلەت

دۇنيادىكى خەنزۇچە ئىسمى ئەڭ ئۇزۇن تۆت دۆلەت Uysayahet
2017-05-25
3
导读:ئەنگىلىيە: بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالى ئىرېلاندىيە بىر

 
ئەنگىلىيە: بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالى ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (大不列颠及北爱尔兰联合王国)
ئەنگىلىيە بولسا بۈيۈك بىرىتانىيە ئارىلىدىكى ئەنگىلىيە، ۋېلىش، شوتلاندىيە ۋە ئىرېلاندىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شىمالىي ئىرېلاندىيە ھەم ئەتراپتىكى بىر قاتار قوشۇمچە ئاراللاردىن شەكىللەنگەن غەربى ياۋروپا ئارال دۆلىتى. ئۆز زېمىنىدىن باشقا يەنە چەت ئەلدىمۇ 14 پارچە زېمىنغا ئىگە. 

سىرىلانكا: سرىلانكا دېموكراتىك سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى (斯里兰卡民主社会主义共和国)
بۇرۇنقى نامى سەيلون ئىدى، ھىندى ئوكيان دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىسسىق بەلباغ ئارال دۆلىتى بولۇپ، ئەنگىلىيە فېدېراتسىيەسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى. سىرىلانكانىڭ سانكىرىت تىلىدا «جەننەت» ياكى «يورۇق مۇنبەت زېمىن» دېگەن مەنىسى بار، بۇ دۆلەتنىڭ «ياقۇت پادىشاھلىقى» ۋە «ھىندى ئوكياندىكى مەرۋايىت» دېگەن گۈزەل ناملىرى بار.
مەنزىرىلىك نۇقتىلىرىدىن كولومبو، كاندى، گاللې، پولوننارۇۋا قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار.

بوسنىيە-گېرىتسىگوۋېنا: بوسنىيە ۋە گېرىتسېگوۋېنا جۇمھۇرىيتى (波斯尼亚和黑塞哥维那共和国)
بالقان يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەت، سابىق يۇگوسلاۋىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، پايتەختى سارايېۋو. مەزكۇر دۆلەت مەمۇرىيەت ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئاساسى گەۋدىلەرگە بۆلىنىدۇ: بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا فېدېراتسىيەسى، سېرب جۇمھۇرىيىتى ۋە برچكو ئالاھىدە رايونى.
ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا تارىخ مۇزېيى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا ئەدەبىياتى، تىياتىر سەنئەت مۇزېيى، لاتىن كۆۋرۈكى قاتارلىقلار بار. 

 سان تومې ۋە پرىنسىپې: سان تومې ۋە پرىنسىپې جۇمھۇرىيىتى (圣多美和普林西比民主共和国)
ئافرىقا قىتئەسى ئوتتۇرا غەربىي قىسىمىدىكى گۋىنىيە قولتۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان ئارال دۆلەت، شەرق تەرىپى بىلەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئارىلىقى 201 كىلومېتىر، سان تومې ۋە پىرېنسىپې قاتارلىق 14 ئارالدىن تەشكىل تاپقان. بۇ دۆلەتنىڭ يەر كۆلىمى 1001 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپوسى 193 مىڭ. 
ئاساسلىق مەنزىرە نوقتىلىرىدىن سان تومې ئارىلى، پىرىنسىپې ئارىلى، دۆلەتلىك مۇزېي قاتارلىقلار بار.

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى




【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70