



تاماقنىڭ چۈشەندۈرلىشى :
تاماقنىڭ ئىسمى : كالتىسىي تۇلۇقلاش پادىشاھى .
ئىستىمال قىلىش يېشى: 12 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ .
كېرەكلىك ماتىرياللار : راك 8 تال ، چېچەكسەي 20 گىرام ، كىراخمال 10 گىرام ، ئېرىمچىك مۇۋاپىق مىقداردا ، سەۋزە مۇۋاپىق مىقداردا . ئاپلىسىن پارچىسى 2 پارچە .
كېرەكلىك ئەسۋاپلار : ئادەتتىكى قازان . 1 تال قاچا . قۇشۇق .

تەييارلاش باسقۇچى :
1. راك 8 تال ، چېچەكسەي 20 گىرام ، كىراخمال 10 گىرام ، ئېرىمچىك مۇۋاپىق مىقداردا ، سەۋزە مۇۋاپىق مىقداردا . ئاپلىسىن پارچىسى 2 پارچە تەييار قىلىۋالىمىز.

2 . سەۋزىنى دۈگىلەك قىلىپ توغراپ تەييار قىلىۋالىمىز .

3 . قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ، چېچەكسەينى قاينىتىپ پىشۇرىمىز .

4 . پىشقان چېچەكسەينى سۈزۈپ ئالىمىز .

5 . چېچەكسەينى ئۇششاق قىلىپ توغراپ تەييار قىلىۋالىمىز .

6 . راكنىمۇ پاكىز ئادالاپ تەييار قىلىۋالىمىز .

7 . تەييار قىلىۋالغان راكنىڭ ئۈستىگە ئاپىلىسىن سۈيىنى سىقىپ چىقىرىمىز .

8 . ئۇنى ئارلاشتۇرۇش قاچىسىغا سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ قىيام ھالىتىگە ئەكىلىۋالىمىز .

9 . تەييارلىۋالغان پىچەكگۈلنىڭ ئۈستىگە راكنى ، كىراخمالنى سېلىپ ئارلاشتۇرىمىز .


10. ئۇنى ياپىلاق ھالەتكە ئەكىلىمىز .

11 . ئارقىدىن ئۈستىگە تەييارلىۋالغان ئېرىمچىكنى سالىمىز . ھەم دۈگىلەك ھالەتكە ئەكىلىۋالىمىز .

12 . ھەربىر دۈگىلەكنىڭ ئاستىغا بىز تەييارلىۋالغان سەۋزىنى قۇيىمىز .

13 . رەتلىك تىزىلغان كومىلاشلارنى تەخسىگە تىزىپ ، دۈملەش قازىنىغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇرىمىز .

14 . مانا كالتىسىي تۇلۇقلاش شاھى تەييار بولدى .

ئاشپەز سالونىدىن ئېلىندى




