大数跨境

جۇڭگودىكى ئەڭ نامرات 10 چوڭ شەھەر ئىچىدە ئۈرۈمچىمۇ بار

جۇڭگودىكى ئەڭ نامرات 10 چوڭ شەھەر ئىچىدە ئۈرۈمچىمۇ بار Uysayahet
2017-07-24
1
导读:مېنىڭچە، «سېلىشتۇرۇش» دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل سۆز، بولۇپمۇ


مېنىڭچە، «سېلىشتۇرۇش» دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل سۆز، بولۇپمۇ ئىككى قۇتۇپتىكى ئىشلارنى بىر يەرگە قويۇپ سېلىشتۇرۇش، بۈگۈن تەھرىرنىڭ دەيدىغىنى جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئەڭ نامرات شەھەر. سىزنىڭ يۇرتىڭىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بارمىكەن؟

10. چاڭچۈن

كونا سانائەت شەھىرى، جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ ئاساسچىسى. چاڭچۈننىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى بەك كۈچلۈك، قىزىل بايراق ئاپتوموبىلى شۇ يەردە ياسالغان، ھەممە ئادەم چاڭچۈن بىرىنچى ئاپتوموبىلى ئىشچىلىرىنىڭ تەمىناتى ياخشى دېيىشىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن باشقا، چاڭچۈن ئىقتىسادىنىڭ تۇتۇپ كۆرسەتكۈدەك يېرى يوق بولۇشى مۇمكىن.

9. كۇنمىڭ

كۇنمىڭنىڭ «باھار شەھىرى» دەيدىغان چىرايلىق نامى بار، يۈننەننىڭ ئۆلكە مەركىزى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، قاتناش مەركىزى، يەنە جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئىچىۋېتىشتىكى مۇھىم تۈگۈن شەھىرى.

لېكىن يۈننەندە ھەر يىللىق ساياھەتچى ئاز بولمىسىمۇ، جۇغراپىيەلىك ئورۇن چەكلىمىسى سەۋەبلىك ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر ئاستا.

8. ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى، ياۋرو ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئىككىنچى كۆۋرۈكى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىم كۆۋرۈكىدىكى ئىستېھكام ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم ئىشىك.

ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسى كۆپ، لېكىن ئورنى ۋە جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ئەڭ نامرات شەھەرلەر قاتارىغا كىرىپ قالغان.

7. خېفېي

كۆپلىگەن ئادەمنىڭ نەزىرىدە خېفېينىڭ ھېچقانداق خاسلىقى يوق بولۇشى مۇمكىن. ئوتتۇرا قىسىمدىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئىقتىسادى ئارقىدا، جيېجياڭغا يېقىن بولسىمۇ، لېكىن ئازراقمۇ پايدىسى تەگمىگەن.

بۇنداق ئوڭايسىز ئورۇن خېفېي ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرمىغان، كەلگۈسىدە قاراپ باقايلى.

6. تەييۈەن

ئىسمى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئاتالغان بۇ شەھەر كۆمۈر سانائىتىگە ئورالغان، كۆمۈرگە تايانغان GDPسى ئۇزاق داۋاملىشالمايدۇ.

ھازىر تەييۈەن تىپ ئۆزگەرتىپ شەھەرنى چوڭ رېمونت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ئېيتىلىشىچە، 10 يولنىڭ يەتتىسى توسۇلۇپ قالغان.

5. لەنجۇ

ئانا دەريا شەھەردىن ئۆتۈپ ئىككى قىرغاقتىكى ئوغۇل-قىزلارنى ئۆستۈردى. لېكىن ئورنى ئىچكىرى، قاتنىشى بەك قىستاڭ، لەنجۇ ھازىر داغدۇغا بىلەن شەھەر قۇرۇپ مېترو پىلانلاۋاتىدۇ.

لەنجۇنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل، ھەممە ئادەم غەربىي قىسىم ساياھىتىدە لەنجۇدىن يولغا چىقىش كېرەك دەيدۇ، لېكىن لەنجۇنىڭ داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى يوق.


4. شىنىڭ

بۇ يەردە قوتاز، چىڭخەي كۆلى، ئىبادەتخانا بار، لېكىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەمچىل. قىستا-قىستاڭ شىنىڭدا قېلىپ كەمچىل. لېكىن قويۇق ئاز سانلىق مىللەت پۇرىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

3. لاسا

كۆپلىگەن ئادەمنىڭ قەلبىدىكى مۇقەددەس جاي، روھنىڭ بۇلغانمىغان جايى. بۇ يەردە زامانىۋى سانائەت يوق، ئاددىيلىقىدىن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

تاغلار بىلەن قاپلانغان، مەنزىرىسى گۈزەل، لېكىن قاتنىشى قولايسىز، دۇنيانىڭ ئۆگزىسىنى بويسۇندۇرۇش ئاسان ئەمەس. ئورنى يۇقىرى، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەركەز شىزاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلدى، كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئىشىنىمىز.

2. يىنچۈەن

سۇلىرى، ئوتلاقلىرى گۈزەل، قۇملۇقتىكى مەرۋايىت. لېكىن بايلىقى كەمچىل، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى روشەن ئەمەس، ئاددى كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان، ئىقتىسادىي سەۋىيەسى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

1. گۇيياڭ

گۇيياڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ياخشى، كان بايلىقى مول. لېكىن تاغ يولى ئېگىز-پەس، قاتناش قولايسىز، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتە چوڭ توسالغۇ بار، ئۇنىڭدىن باشقا، گۇيجۇ يەنە پارىخور ئەمەلدارلار كۆپ چىقىدىغان خەتەرلىك رايون.

خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى قالاق، ئۆلكە مەركەزلىرى ئىچىدە GDPسى دائىم ئارقىدا چىقىدۇ. 

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.


【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70