


تېڭشۈننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرى ئەزەلدىن ھېسابات نومۇرىنى ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى تەمىنلەپ باقمىغان، ھازىر ئۈندىدار بۇ ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزى يېقىندا «ھېسابات نومۇرىنى ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش» ئىقتىدارىنى جىمجىتلا چىقاردى، شارائىتقا ئۇيغۇن بولغان ئىشلەتكۈچىلەر ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا، بۇ ئۈندىدار نومۇرى مەڭگۈلۈك ئۆچۈپ كېتىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە تۆۋەندىكى تۆت شەرتنى قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك:
1. ھېسابات نومۇرى بىخەتەر ھالەتتە تۇرغان بولۇشى كېرەك.
2. ئۈندىداردا چىقىم قىلىدىغان مال-مۈلۈك ھېساباتى قىلىنىپ بولغان بولۇشى كېرەك.
3. كارتا قىسقۇچ تازىلانغان ھەمدە ئۈندىدار سالونى ھوقۇقى بىكار قىلىنغان بولۇشى كېرەك.
4. ئۈندىدارغا باغلانغان باشقا ئەپ، تور بېكەتلەرنىڭ باغلاش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنىشى كېرەك.
مەنبە:نۇر تورى




