



سۈرەتتىكى بۇ ئايال 1868-يىلى ئامېرىكىنىڭ تېننېسسى ئىشتاتىنىڭ لىنكولىن بازىرىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىككى كاسىسى تۇغما غەيرى، يەنى ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىككى داس سۆڭىكى بار. ئارتۇق ئىككى پۇتى ئەسلىدە نورمال يېتىلەلمىگەن قوشكېزەك سىڭلىسىنىڭ پۇتى. ئىچىدىكى ئىككى پۇتىنىڭ كىچىكرەك بىرسى سىرتىدىكى چوڭ پۇت بىلەن تۇتىشىپ، بىر جۈپ ھالەتتە تۇرىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئىچىدىكى ئىككى پۇتى بىلەن مېڭىپ باققانىكەن.

1930-يىلى چېگرادىن قوغلانغان رۇسىيەلىك بانكىر مانجۇرىيەدە سۈرەتتىكى بۇ جۇڭگولۇق دېھقاننى بايقىغان. بىراق، ئۇ پەقەتلا بۇ دېھقاننىڭ فامىلىسىنىڭ ۋاڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەن. كېيىن بۇ دېھقاننىڭ باش سۆڭىكىگە 35 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇققا ئۇچلۇق بىر نەرسە ئۆسۈپ چىققان، بىراق ئۇنىڭ باشقا ئەزالىرى نورمال ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاشكەن. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن كېيىن بۇ دېھقان توغرىسىدىكى خەۋەر قايتا چىقىپ باقمىغان.

بۇ ئايال 1884-يىلى شىۋېيتسارىيەنىڭ بازېلدا تۇغۇلغان. بۇ ئايالنىڭ رەڭگى-رۇخسارى شۇنداق گۈزەل بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى يوق.


بۇ ئەر 1890-يىلى پولشادا تۇغۇلغان. بۇ ئەر نورمال ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بەدىنىدە تۈكلەر زىيادە كۆپ. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان گېن ئۆزگىرىشچانلىق كېسىلىكەن. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەرنىڭ ھەممىسى 15 سانتىمېتىردىن ئاشىدىكەن. بىراق، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا تۈكلۈك ياۋايى ھايۋان تەرىقىسىدە مۇئامىلە قىلمىغان، ئۇمۇ ئادەتتە ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىپ نورمال ئادەملەردەك ياشىغان. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئادەم بەش مىللەتنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن، ناھايىتى مەدەنىيەتلىككەن.

بۇ ئەر 1886-يىلى گېرمانىيەنىڭ نىيۇرىنبېرگدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بېشى بىلەن بەدىنىنىڭ يۆنىلىشى تامامەن قارىمۇقارشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىكى يوق. بىراق، تەبىئىتىدىن قەيسەر، ئۈمىدۋار بۇ ئادەم 20 يېشىدىن باشلاپ سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن سېرك ئۆمىكىدە ئويۇن قويغان.


بۇ كىشى 1874-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا تۇغۇلغان. توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي بارماق ئۇچى يوغىناپ كەتكەن. ئۇ بارماق ئۇچى يوغىناپ كېتىش سەۋەبلىك بارغانسېرى بىنورمال بولۇپ قالغان، يۈزىمۇ تولغىشىشقا باشلىغان، شۇنىڭدەك بېشى ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، بوغۇم ۋە مۇسكۇللىرى ئاغرىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن.

بۇ ئايال شىۋېيتسارىيەدە تۇغۇلغان. بىراق، ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا ناھايىتى تۈكلۈك تۇغۇلغان بولۇپ، 8 ياشقا كىرگەندە 5 سانتىمېتىر كېلىدىغان ساقال چىقىپ قالغان. ئۇ ساقىلىنى ئېلىۋەتمەستىن، بەلكى ناپالىيونⅢ نى دورىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئەينى دەۋرىنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇنىڭغا چوڭ بىر ئالماسنى تارتۇق قىلغان.

بۇ ئەر 1862-يىلى تۇغۇلغان. ئەمما، ئۇنىڭ بەدىنى نورمالسىز بولغاچقا، 5 ياشقا كىرگەندە پۇت-قولى بىنورمال يوغىناپ كەتكەن. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئەسلىدە ئۆزگىرىشچان تاياقچە باكتېرىيەلىك يىغىندى كېسىلى بولۇپ قالغانىكەن. لېكىن، ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ئۇنى پىل تاپان كېسىلى بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغانىكەن. ئۇ 27 ياشقا كىرگەن يىلى بىر ئۇخلىغانچە قايتا ئويغىنالمىغان. 
كىشىلەر بۇ قىزچاقنى تۆگە قىزچاق دەپ ئاتىغان، چۈنكى ئۇنىڭ تىزى ئاستىغا قارىمۇ-قارشى ھالەتتە ئۆسكەن، بىراق، ئۇ ئۆمىلەپ ماڭغاندا قەتئىي قىينالمايدىكەن. ئۇ كېيىنكى چاغلاردا سېرك ئۆمىكىدە ئارتىس بولغان، بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭدىنمۇ ۋاز كېچىپ باشقا كەسىپكە يۈرۈش قىلغان.
مەنبە: نۇر تورى :تەرجىمىدە: ئەخمەتجان مۇتەللىپ




