



ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدىكى داڭلىق مودا كىيىم شىركىتى «Falke»نىڭ ئېيتىشىچە، روژدېستىۋو بايرىمىدا ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت پايپىقىنى بازارغا سالىدىكەن، بۇ پايپاقنىڭ بىر جۈپىنىڭ باھاسى 726 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 7182 يۈەن) ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىدە پۈتۈن دۇنيادا پەقەت ئون جۈپلا سېتىلىدىكەن.
بۇ «ئېسىلزادىلەر» پايپىقى پېرۇدىن چىقىدىغان قوي تۆگە تىۋىتىدىن تىكىلگەن. بۇ خىل لوككىسىز تۆگىگە ئوخشايدىغان ھايۋانلار بەكلا ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئۇنىڭ سېرىق قوڭۇر رەڭلىك يۇڭىنى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم قىرقىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تال يۇڭنىڭ توملۇقى پەقەت 12 مىكرومېتىر كېلىدۇ، شۇڭا قىرقىش بەكلا تەس.


ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى توقۇلما بۇيۇملار شىركىتى فالك ماركىلىق بىر جۈپ پايپاقنى چىقارغان بولۇپ، ھەر جۈپىنىڭ باھاسى 495 فوندستېرلىڭ (780 دوللار)؛ Selfridges تۈرلۈك ماللار شىركىتى ئۇلارغا ياردەملىشىپ سېتىشىپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە پايپاق بەكلا قىممەت ئەمما سۈپىتىمۇ ئالاھىدە ياخشى، ئاز ئۇچرايدىغان قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن، «دۇنيادىكى ئەڭ يېنىك، ئەڭ ئىسسىق ۋە ئەڭ يۇمران رەخت ماتېرىيالى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن؛ چەكلىك مىقداردىكى پايپاق قوي تۆگە دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋاننىڭ يۇڭىدىن تىكىلگەن، قوي تۆگە ئىنكالار تەرىپىدىن «ئىلاھلار تالاسى» دەپ ئاتالغان، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ۋە ئەڭ ئىسسىق تالا دەپ قارالغان. پايپاق بىر چىرايلىق ياغاچ قاپقا قاچىلانغان.
«Falke» شىركىتى توردا ئۆزىنىڭ بۇ خىل ماتېرىيال ئىشلىتىپ پايتاق ئىشلەپچىقارغان تۇنبجى شىركەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە مۇنداق دېدى:«پېرۇ قوي تۆگىسىنىڭ يۇڭى دۇنيادىكى كەم ئۇچرايدىغان ھەمدە ئەڭ قىممەت قوي يۇڭى، باشقا ھەرقانداق قوينىڭ يۇڭىدىن يۇمران، يېنىك، ئىسسىق. ئۇنىڭ تالالىرىنىڭ رەڭگى تەبىئىي سېرىق قوڭۇر رەڭدە. دەل مۇشۇ دۇنيادا بىردىنبىر بولغان قوي يۇڭىدىن ياسالغان يىپتا يۇقىرىقى پايپاق توقۇپ چىقىلغان.»

ئەگەر سىز بۇنداق يۇقىرى باھادىكى پايپاقنى ھېچكىم ئالمايدۇ دەپ قارىغان بولسىڭىز خاتالىشىپسىز، بۇ پايپاق ئاللىبۇرۇن سېتىلىپ بولدى.
«Falke» بۇ خىل ماتېرىيالنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يىل كۈزدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى ئىچىدە بىر ئالاھىدە قوي يۇڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان توقۇلما كۆڭلەك بار. بۇ كۆڭلەك پەقەت 20 يۈرۈش ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ھەر بىرىنىڭ باھاسى 2015 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 19925 يۈەن).
نۇر تورى تەرجىمىسى




