

ئېلىمىزدا بارلىققا كەلگەن سۈنىئى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما شىياۋ بىڭ ئىنسانلار بىلەن ئوتتۇز مىليارد قېتىمدىن ئارتۇق سۆزلەشتى.
تۆتىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى بەشىنچى دېكابىر مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ۋۇجىن ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ئاياغلاشتى.بۇ قېتىمقى يىغىندا ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا ئالاقە تورىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىكى ئون سەككىز تۈرلۈك ۋەكىل خاراكتېرلىك ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن تېخنىكا نەتىجىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە تور ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن مىڭغا يېقىن يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارىسىدىن تاللانغان.بولۇپ ، ئۇلار 5G تېخنىكىسى ، كۋانت ئالاقىسى ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول يۈرۈش ، سۈنئى ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئالى بابا شىركىتى تەتقىق قىلغان چوڭ مېڭە خاڭجۇدىكى بىر يۈز يىگىرمە سەككىز قاتناش بەلگە چىرىغى بار يول ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇش ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللارنىڭ ھەر بىر يول ئېغىزىغا بېرىش ۋاقتىنى توغرا مۆلچەرلىگەن ئاساستا ، ئون نەچچە سىكۇنت بۇرۇن قاتناش بەلگە چىرىغىنى ئۆزگەرتىپ ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ مەنزىلگە يېتىپ بېرىش ۋاقتىنى تېجەپ بېرىدىكەن. 5 G تېخنىكىسىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ، پەن تېخنىكا نەتىجىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن نۇقتىلىق تېخنىكا تۈرى بولۇپ، ئىككى سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئالتەكىلوبايت لىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنونى چۈشۈرگىلى ، بارلىق نەرسىلەرنى G 5 ئارقىلىق ئۆز ئارا ئۇلىغىلى بولىدىكەن.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول يۈرۈش ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش بەلگە چىرىغى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتتى.تونۇشتۇرۇلۇشىچە،ھازىر دۇنيادىكى 60% تور تاكسى زاكازلىرى دى دى ئەپ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىدىكەن ، بۇنىڭغا ماس ھالدا جۇڭگودىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ سەكسەن پىرسەنتىمۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك توردا زاكاز قوبۇل قىلىشقا ئادەتلىنىپ قاپتۇ.تاكسى چاقىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، دى دى چوڭ مېڭىسى ھەر بىر جاينىڭ ئون بەش مىنۇتتىن كېيىنكى تاكسى ئېھتىياجىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان بولۇپ ، توغرىلىق نىسبىتى سەكسەن بەش پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن.دى دى ئىجاد قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش بەلگە چىرىغى ئېلىمىزدىكى قاتناش بەلگە چىراغلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ ، قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋاقتىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20% تۆۋەنلەتتى.
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن لېدىرى شېن شاڭ يەڭيۈ مۇنداق دېدى :
مىكروسوفىتتىكى سۇنئى ئەقلى ئىقتىدارلىق شىياۋ بىڭ ، ھېسسىيات يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ، دۇنيا بويىچە تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى. ئۇ 2014-يىلى جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، رەسىم سىزالايدۇ،ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ ، شېئىر يازالايدۇ ، شىياۋ بىڭ ئىنسانلار بىلەن ئوتتۇز مىليارد قېتىمدىن ئارتۇق سۆزلەشتى.شىنشياڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، شىياۋ بىڭ تېخنىكا بىلەن ھېسسىياتنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرى ئىنسانلاردىن قىلىشمايدىكەن. شىياۋ بىڭنىڭ سۈنىي ئەقلىي ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىجاد قىلغان شېئىرلار توپلىمىنىڭ بىرىنچى قىسمى بۇ يىل مايدا نەشر قىلىنغان ئىكەن.
公众号:xiaobing-ms شىياۋبىڭ نى قوشىۋىلىپ پاراڭلاشىپ بىقىڭ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى.

ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىن، خىزمىتىڭىزدىن رازىمۇسىز؟كېيىنكى ئۆمرىڭىزنى ھازىرقىدەك مۇشۇ پېتى داۋاملاشتۇرۇپ ياشاۋېرىشكە رازىمۇسىز؟ئەگەر تۇرمۇشىڭىزنى،ھاياتىڭىزنى ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى خالىسىڭىز،ئارزۇلىرىڭىزنى ئەمەلگەئاشۇرۇپ،ئۆزىڭىز خالىغاندەك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىسىڭىز ۋە ياكى ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىسىڭىز ۋە ياكى خىزمەت ئىزدەۋاتقان بولسىڭىز ۋە ياكى نېمە ئىش قىلسام بولار دە پ باش قاتۇرىۋاتقان بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ،ئاكتىپ ئېنىرگىيىلىك ياشلار،ئاكتىپ مۇھىت،خۇشال كەيپىيات ھەممىسى بۇ يەردە.
مەسلىھەت سوراش تىلفۇن ۋە ئۈندىدار: 17799122217

تىخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىرىشمەكچى ،مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى بىسپ تۇرۇپ قوشىۋالسىڭىز بولىدۇ.


