ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى مال ساتقۇچىسىز تاللا بازىرى 12 – نويابىر ئۈرۈمچى خۇڭگۇاڭشەن رايونىدا ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

ئىگىلىنىشىچە، «قولايلىق چەمبىرىكى» دەپ ئاتالغان بۇ 40 كىۋادرات مېتىرلىق مال ساتقۇچىسىز تاللا بازىرىغا شەھەر ئاھالىلىرى يانفوندا سايىلەش ئارقىلىق كىرىپ، تاللا بازىرىدىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ، تاللا بازىرىنىڭ ھېسابات رايونىدا سېتىۋالغان نەرسىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ، قىممىتىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئۈندىدار ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سايىلەپ ھېسابات ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن چىقىپ كەتسە بولىدىكەن. تاللا بازىرىغا كىرىپ نەرسە سېتىۋېلىشتا نەق پۇل ئىشلىتىلمەيدىكەن، سومكا ساقلاش ئورنىغا قويۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىكەن.

مال ساتقۇچىسىز تاللا بازىرىدا پارچە سېتىش ئاساس قىلىنغان، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇسۇللار قوللىنىلغان بولۇپ، ئامما ئۈچۈن 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدىكەن. بۇ تاللا بازىرىدا كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى سېتىۋالغاندىن باشقا يەنە كارتا ئارقىلىق توك پۇلى تاپشۇرغىلى، قىزىلتاغ كارتىسىنى بېجىرگىلى، پۇل قاچىلىغىلى بولىدىكەن.


شىنجاڭ ساياھەت سالونى ئېچىۋىتىلدى ، ئۆز يۇرتىڭىزدىكى مەنزىرلىك ساياھەت نۇقتىلىرىنى
كۆرۈپ بىقىشنى خالامسىز ؟ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ھەقسىز ساياھەت پۇرسەتلىرى سىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا !
تېزدىن ساياھەت سالونىنى قوشۇۋىلىڭ
ئاسىتىدىكى ئىككلىك كودنى بىسىپ تۇرۇپ
设别图中二维码
نى بىسىپ قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ





ساياھەتكە تىزىملاتماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئۈندىدار نى قوشىۋىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.

يوللاپ دوستلىرىڭىزغا تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ.

