



قەتئىي ئويلاپ باقماپتىمەن، ئۆيۈمدىكى «توك ئوغرىسى» ئەسلى ئۇ ئىكەن ئەمەسمۇ! ئۆيدە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىشلەتكەندە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىر قىسىم ئېلېكتىر سايمانلارنىڭ توكىنى ئۈزۈۋەتمەي، «ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتى» (ھېچقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارماي ئېچىپ قويۇش ھالىتى 待机模式) نى تاللايدۇ، ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنداق ھالەتتىمۇ ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ يەنىلا توك سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ تەجرىبىدە بايقىشىچە، تېلېۋىزور قۇتىسى (机顶盒) نىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى قۇۋۋىتى باشقا ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ 10 نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن! مۇتەخەسسىسلەر ئۆيدە ئامال بار ۋىكليۇچاتېللىق روزېتكا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتمىگەن ۋاقىتتا روزېتكىنىڭ ۋىكليۇچاتېلىنى ئېتىۋەتسە بولىدۇ ياكى ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ مېخانىكىلىق ۋېكليۇچاتېلىنى بېسىۋەتسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا كۆپچىلىك خېلى توك پۇلىنى تېجەپ قالالايدۇ. .
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۆيىمىزدە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، تىزگىنەكنىڭ «ئېچىلىشنى كۈتۈش كۇنۇپكىسى» نى بېسىپ قويساق، ئېلېكتىر سايمانلىرى ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىگە كىرىدۇ. گەرچە بەزى ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش كۇنۇپكىسى بولمىسىمۇ، توك مەنبەسىدىن ئۈزۈۋەتمىگەندە يەنىلا ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدە تۇرغىنى بىلەن باراۋەر بولىدۇ.


كۆپلىگەن ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىچىدە، تېلېۋىزور قۇتىسى ئادەتتە كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك ئېلېكتىر سايمىنى، ئەمما يېقىندا ئۇ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. توردىكى بەزى ماقالىلەردە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ۋىكليۇچاتېلىنى ئېتىۋېتىپ، ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدە قويۇپ قويسىمۇ يەنىلا ناھايىتى توك سەرپ قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە توكنى ئەڭ سەرپ قىلىدىغىنى تېلېۋىزور قۇتىسى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن تېلېۋىزور قۇتىسىنى ئۆيدىكى «توك ئوغرىسى» دېيىشكە بولىدۇ.
گەرچە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتكەندە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ يەنىلا توك سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما تېلېۋىزور قۇتىسىنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدە ئەڭ توك سەرپ قىلىدىغانلىقىغا نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىدى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى زوڭ خانىم قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. كەسپىي خادىملار مۇخبىرنىڭ تەجرىبىنى تاماملىشىغا ياردەملەشتى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى دۆلەت تورى ئۆلچەش مەركىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېرى يۈ خەيبو: 0.02 دەرىجىلىك ئۆلچەملىك قۇۋۋەت پىرىبورىنى ئىشلىتىپ، ئۇنى ئۆلچىمەكچى بولغان ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ ئىشتىكى توك مەنبەسىنىڭ قايتىش يولىغا ئۇلىدى، بۇنداق بولغاندا ئۆلچىمەكچى بولغان ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى قۇۋۋىتى ۋە نورمال ئىشلىگەن ۋاقىتتىكى قۇۋۋىتىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ.


ئاۋۋال كۆپچىلىك ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدە ئەڭ توك ئىسراپ قىلىدۇ دەپ قارىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ۋە تېلېۋىزورنى ئۆلچەپ باقايلى.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى دۆلەت تورى ئۆلچەش مەركىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېرى يۈ خەيبو: بۇ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى قۇۋۋىتى 1.1 ۋات ئەتراپىدا بولۇپ ، سوۋۇتقان ۋاقتىدا نورمال قۇۋۋىتى 2600 ۋات بولغان ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى قۇۋۋىتى 1.11 ۋات. ئۇنىڭدىن باشقا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى قۇۋۋىتى 0.32 ۋات، خىزمەت قىلغان ۋاقتىدا 1400 ۋات بولغان مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى توك سەرپىياتى 0.32 ۋات. ھاۋا تەڭشىگۈچكە سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى توك سەرپىياتىنى تۆۋەن دېيىشكە بولىدۇ. ئوخشاشلا گۇمانلىنىش ئوبيېكتى قاتارىغا تىزىلغان تېلېۋىزورنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى قۇۋۋىتى 0.2 ۋات ئەتراپىدا.

نۆۋەتتىكى ئۆلچەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى توك سەرپىياتى ئەڭ چوڭ تۇرسا، كىچىككىنە تېلېۋىزور قۇتىسى راستتىنلا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىنمۇ بەك توك سەرپ قىلامدۇ؟
دۆلەت ئېلېكتىر تورى دۆلەت تورى ئۆلچەش مەركىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېرى يۈ خەيبو: تېلېۋىزور قۇتىسى نورمال خىزمەت قىلغان ۋاقىتتىكى قۇۋۋىتى 15.4 ۋات ئەتراپىدا.
15.4 ۋاتنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر نەچچە ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقەتەن قۇۋۋىتى كىچىك، ئەمما ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىچۇ؟

ئۆلچەپ بايقىلىشىچە، تېلېۋىزور قۇتىسىنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى قۇۋۋىتى 15.2 ۋات ئەتراپىدا بولۇپ، خىزمەت قىلغان ۋاقتىدىكى توك ئىشلىتىش ئەھۋالى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن، ئەمما ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدە باشقا ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ توك سەرپىياتىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن.

ئېنىق يەكۈنگە ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەتچى خادىملار يەنە خاتىرە كومپيۇتېر، ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاق، كىرئالغۇ قاتارلىق دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خىل ئېلېكتىر سايمىنىنى ئۆلچىدى.

ئۆلچىگەندىن كېيىن، خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى قۇۋۋىتى 0.99 ۋات، ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاقنىڭ 0.86 ۋات، كىرئالغۇنىڭ 0.003 ۋات بولۇپ چىقتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا تېلېۋىزور قۇتىسىنىڭ توك سەرپىياتى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى ھەمدە تېلېۋىزور قۇتىسىنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى قۇۋۋىتى باشقا ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئون نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.
ئوخشاش ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدە تۇرغان تۇرسا، ئوخشىمىغان ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ توك سەرپىياتى ئەھۋالىدىكى پەرق نېمە ئۈچۈن بۇنچە چوڭ بولىدۇ؟

دۆلەت ئېلېكتىر تورى دۆلەت تورى ئۆلچەش مەركىزى ئۆلچەش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ شياڭجياڭ: گەرچە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئېكرانىنى كۆرۈنمەس قىلىپ ئېتىۋەتكەن بىلەن، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى يەنىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، بىر قىسىم تىزگىنەكلەر ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى قوزغاتسا، ئۇ بۇ ۋاقىتتا توك سەرپ قىلىدۇ.، ئۇنىڭدىن باشقا ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ بىر قىسىم كۆرسەتكۈچ چىراغلىرىمۇ توك سەرپ قىلىدۇ. ئەگەر ئېلېكتىر سايمانلىرىنى لايىھەلىگەندە ئۇنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى توك سەرپىياتىنى ئويلاشمىغاندا، ئۇنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى قۇۋۋەت سەرپىياتىمۇ چوڭراق بولىدۇ، بۇ ئېلېكتىر سايمانلىرىنى لايىھەلەش ئىدىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ياڭ شياڭجياڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېۋىزور قۇتىسىنىڭ ئەسلىدىكى قۇۋۋىتى چوڭ بولمىغانلىقتىن، زاۋۇت ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىنى لايىھەلىگەندە توك سەرپىياتىنى ئازايتىش مەسىلىسىگە سەل قارىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەمما بىز ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدىكى توك سەرپىياتىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك، زوڭ خانىمنىڭ ئۆيىدە ئۆلچىگەن بىر نەچچە خىل ئېلېكتىر سايمىنىنى مىسالغا ئالغاندا، ئېچىلىشنى كۈتۈش ھالىتىدە بىر كۈندىلا تەخمىنەن 0.4 كىلوۋات سائەت توك سەرپ قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر يىلدا 80 نەچچە يۈەنلىك توك ھەققى تۆلەيدىكەن. ئەگەر يۇقىرىدىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان 1 مىلياردقا يېقىن ئائىلىنىڭ بىر كۈندە ئىسراپ قىلغان توكى 44 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدىكەن.
توك تېجەش ئەسكەرتىشى:

بۇ يەردە بىز كۆپچىلىكتە چوقۇم توك تېجەش ئېڭى بولۇشنى ئەسكەرتىمىز، روزېتكا تاللىغان ۋاقىتتا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ۋىكليۇچاتېلى بار روزېتكىنى تاللاش كېرەك، ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتمىگەن ۋاقىتتا پەقەت روزېتكىدىكى ۋىكليۇچاتېلنى بېسىۋەتسەكلا، ئېلېكتىر سايمانلىرى خىزمەت قىلمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا كۆپچىلىك ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىكليۇچاتېلىنى ئېتىۋەتكەندىمۇ توك، پۇلنى تېجەپ قالماستىن يەنە مۇھىتنى ئاسراش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.




